سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى. 2 داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. تۇنجى ئوغلى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، 3 ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، 4 تۆتىنچى ئوغلى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچى ئوغلى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، 5 ئالتىنچى ئوغلى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئام ئىدى. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر. ئابنېرنىڭ داۋۇتقا ئەل بولۇشى 6 سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى. 7 سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا: _ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېدى. 8 ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەك خاپا بولۇپ: _ سېنىڭچە مەن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ لالما ئىتى ئىكەنمەن-دە؟ مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا، يەنى ئاتاڭ سائۇلغا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن مېنى بىر خوتۇن ئۈچۈن ئەيىبلەۋاتىسەن. 9-10 مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى. 11 ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. 12 ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «بۇ زېمىن سىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن كېلىشىم تۈزۈڭ، مەن سىزگە ياردەملىشىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى سىزگە ئېلىپ بېرىمەن» دېدى. 13 داۋۇت: «ياخشى گەپ! مەن سەن بىلەن كېلىشىم تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سەندىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەل، بولمىسا سەن مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى. 14 داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى. 15 شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئېرىدىن، يەنى لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى. 16 مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ، يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا: _ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى. 17 ئابنېر ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇزۇندىن بېرى داۋۇتنىڭ ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىڭلار، 18 ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى. 19 ئابنېر بۇ سۆزنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ، جۈملىدىن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى. 20 ئابنېر يىگىرمە ئادەمنى باشلاپ، ھىبروندا تۇرۇۋاتقان داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇت ئابنېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. 21 ئابنېر داۋۇتقا: _ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىڭىز، پۈتۈن ئىسرائىللارنى ئالدىڭىزغا جەم قىلاي، ئۇلار سىز بىلەن كېلىشىم تۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھى بولىسىز، _ دېدى. داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى. يوئابنىڭ ئابنېرنى ئۆلتۈرۈشى 22 شۇ چاغدا يوئاب ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىپ، نۇرغۇن ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ۋاھالەنكى، ئابنېر ھىبروندا داۋۇت بىلەن بىرگە ئەمەس ئىدى. داۋۇت ئۇنى يولغا سالغان بولۇپ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. 23 يوئاب قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنىڭغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ، پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ. ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. 24 بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ. 25 سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى. 26 يوئاب داۋۇتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئابنېرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇت بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى. 27 ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى. 28 داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: _ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتئىي گۇناھكار ئەمەسمىز. 29 ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى. 30 ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى. داۋۇتنىڭ ئابنېرغا ماتەم تۇتۇشى 31 داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 32 ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ھۆڭرەپ يىغلىدى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى. 33 پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنداق مەرسىيە ئوقۇدى: ئەي ئابنېر، ئەرزىمەس ئادەمدەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟ 34 قوللىرىڭ باغلاقلىق، پۇتلىرىڭ كىشەنلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما رەزىللەرنىڭ قولىدا ئۆلدۈڭ ئەمدى! كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن ياش تۆكۈشتى. 35 ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى. 36 كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ، پادىشاھتىن خۇشال بولۇشتى. ئەسلىدە ئۇلار پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. 37 شۇ كۈنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھ داۋۇتنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدى. 38 پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى، يەنى ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى. 39 مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti