سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى سانىشى 1 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا يەنە غەزىپى كەلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار داۋۇتنى كۈشكۈرتۈپ: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى. 2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنى داندىن بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى. 3 يوئاب پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگار خۇدا لەشكەرلىرىنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي ۋە ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دېدى. 4 لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى. 5 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا چۈشكۈن قىلدى. ئاندىن گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ يازېر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 6 كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائانغا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 7 تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى. 8 ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 9 يوئاب جەڭ قىلىشقا قادىر بولغان ئادەملەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بەردى. ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر 800 مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى. 10 لەشكەرلەرنىڭ سانى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى. 11 ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار: 12 _ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى. 13 شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟ 14 داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. 15 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 16 نۆۋەت يېرۇسالېمغا كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىنى كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى. 17 داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا: _ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغانمۇ مەن، قويدەك بۇ خەلقتە نېمە گۇناھ؟ ئەگەر جازالىماقچى بولساڭ، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى. داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى 18 گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى. 19 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقتى. 20 ئاراۋنا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى. ئۇ: 21 _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى. داۋۇت: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى. 22 _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى ئالسىلا. بۇ يەردە بۇقىلىرىم، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختا ۋە بويۇنتۇرۇقلار تۇرۇپتۇ. 23 پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي. پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا. 24 لېكىن پادىشاھ ئاراۋناغا: _ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە بۇقىلارنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. 25 داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti