Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ ۋەسىيەتلىرى

1 يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

2 پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.

3 ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى

4 ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا، ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»

5 مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.

6 ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.

7 تىكەنلەرنى تۇتۇشتا تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.


داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

8 داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

9 «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ.

10 ئەمما ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

11 «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا ماش تېرىلغان بىر ئېتىزلىقنىڭ يېنىدا يىغىلىدۇ. بۇنى كۆرۈپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى قېچىپ كېتىدۇ.

12 لېكىن شامماھ ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.

13-14 بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

15 داۋۇت: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.

16 ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:

17 _ ئى پەرۋەردىگار، بۇ سۇ ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇ ئالغىلى بارغان ئۈچ باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇ سۇنى قانداقمۇ ئىچەي!؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.

18 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى، يەنى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

19 ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

20 يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.

21 ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

22 بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

23 ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

24 تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر»لاردىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان،

25 خارودلۇق شامماھ، خارودلۇق ئەلىقا،

26 پالتىلىق خەلەز، تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا،

27 ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر، خۇشاھلىق مىبۇنناي،

28 ئاخوۋاخلىق زالمون، نىتوفالىق ماھراي،

29 نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي،

30 پىرئاتونلۇق بىنايا، گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي،

31 ئارابالىق ئابى-ئالبون، باخۇرىملىق ئازماۋەت،

32 شائالبىملىق ئەلياخبا، ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان،

33 ھارارلىق شامماھ، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاخىئام،

34 مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلوھلۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،

35 كارمەللىك خەزرو، ئاربىلىق پائاراي،

36 زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال، گادلىق بانى،

37 ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

38 يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب

39 ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلار ھەممىسى بولۇپ 37 كىشى ئىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan