Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ مۇناجاتى

1 پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوقۇغان:

2 قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،

3 ماڭا پاناھ بولىدىغان قورام تېشىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر.

4 ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.

5 ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى، ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.

6 گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

7 ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

8 شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، ئەرشنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

9 چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

10 كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

11 ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

12 يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، يامغۇرنىڭ قويۇق، قارا بۇلۇتلىرى قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

13 يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرار ئىدى ئۇ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى.

14 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەر ئاسماندا ياڭرىتار ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا.

15 تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

16 پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

17 پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

18 قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

19 ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

20 ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

21 ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى پەرۋەردىگار، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

22 چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

23 كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

24 ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

25 مەن پاك، ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

26 ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

27 پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

28 قۇتقۇزىسەن چارىسىز، بىچارىلارنى، كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

29 پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمسەن، پەرۋەردىگار، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.

30 ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن. ئى خۇدايىم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.

31 خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

32 پەرۋەردىگاردىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

33 مۇستەھكەم قورغىنىم خۇدادۇر، ئۇ يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچىدۇر.

34 كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

35 قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

36 ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.

37 بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

38 قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

39 مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

40 جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

41 چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

42 ئۇلار ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

43 ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

44 خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

45 تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا، نامىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا.

46 جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

47 مەڭگۈ ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن قورام تاشتەك نىجاتكارىم خۇدا!

48 خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

49 قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

50 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.

51 پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan