سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگىبئونلۇقلارنىڭ سائۇل جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىشى 1 داۋۇتنىڭ زامانىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبىدىن بۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى، _ دېدى. 2 گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق قىلىپ، گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغانىدى. پادىشاھ داۋۇت گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن: 3 _ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بەرسەم، گۇناھىمىزدىن ئۆتىسىلەر؟ قانداق قىلسام، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان بىزنى قارغىمايسىلەر؟ 4 _ بىز سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن نە ئالتۇن، نە كۈمۈش تەلەپ قىلمايمىز. بىزنىڭ ئىسرائىللاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىمىزمۇ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى گىبئونلۇقلار. _ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، مەن شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت. 5 ئۇلار پادىشاھقا: _ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقاتماقچى بولغانىدى. 6 شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ. 7 پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى. 8 سائۇلنىڭ توقىلىدىن، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغان ئارمونى ۋە مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سائۇلنىڭ يەنە قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن كۆرگەن بەش نەۋرىسى بار ئىدى. 9 داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. 10 ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ماتا رەخت يېيىپ، ماتەم تۇتۇپ ئولتۇردى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى. 11 سائۇلنىڭ توقىلى، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلدى. 12 داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى گىلئادتىكى يابېش خەلقىدىن ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. كېيىن گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.) 13 داۋۇت سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇ يەردىن ئەكەلدى. ئۇ يەنە قەتل قىلىنغان يەتتە كىشىنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئەكەلدۈردى. 14 ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىنى بۇ ئۇستىخان ۋە جەسەتلەرنى بىنيامىن زېمىنىغا جايلاشقان زېلا شەھىرىدىكى سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلىدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تۆت قېتىم مەغلۇپ قىلىنىشى 15 فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا داۋۇت ھالسىزلىنىپ كەتتى. 16 رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. 17 ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى. 18 شۇنىڭدىن كېيىن گوب دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان ساف ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. 19 گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. گولياتنىڭ قېرىندىشىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. 20 كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. 21 بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 22 بۇ تۆت فىلىستىيەلىك پالۋان گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti