سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىشىبانىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى 1 شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!» 2 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئون قەبىلىسى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى داۋۇتقا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. 3 داۋۇت يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئوردىنى ساقلاشقا قالدۇرغان ئون توقىلىنى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالدى. داۋۇت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسى بىلەن بىرگە ياتمىدى. ئۇلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇل خوتۇنلاردەك ياشىدى. 4 شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا: _ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل ۋە ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى. 5 ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى. 6 شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى. 7 شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشايغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى. 8 ئۇلار گىبئوندىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بېلىدىكى كەمەرگە غىلاپلىق خەنجەر ئېسىۋالغانىدى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا خەنجەرنى غىلىپىدىن چىقىرىۋالدى. 9 يوئاب ئاماساغا: _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى. 10 ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى. 11 ئاماسانىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى: _ كىمكى يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە بولسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى. 12 ئاماسانىڭ جەسىتى قانغا مىلىنىپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان يوئابنىڭ ھېلىقى ئادىمى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جەسەتنى سۆرەپ، يولدىن ئېلىپ چىقىپ، ئېتىزغا ئاپىرىپ، ئۈستىنى بىر چاپان بىلەن يېپىپ قويدى. 13 جەسەت يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. 14 بۇ چاغدا شىبا شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. بىكرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەنىدى. 15 يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى. 16 شۇ پەيتتە شەھەردىكى بىر دانا ئايال: _ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، ئۇ بۇ يەرگە كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى. 17 يوئاب يېقىنراق كەلدى. _ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال. _ ھەئە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب. _ ئاجىزەلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال. _ ھەئە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب. 18 ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ: _ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق مەسىلىلەر ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن. 19 بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى. 20 يوئاب: _ خۇدا ساقلىسۇن! مەن بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن. 21 مېنىڭ ئۇنداق مەقسىتىم يوق. ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا داۋۇت پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. پەقەت شۇ بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن، _ دېدى. _ بولىدۇ ئەمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى سېپىلدىن سىلىگە تاشلاپ بېرىمىز، _ دېدى ئايال. 22 شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى. 23 شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، 24 ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى ئادورام، تەزكىرىچى ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات، 25 پۈتۈكچى شىۋا، روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتار ئىدى. 26 يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti