سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ بولۇشى 1 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغىن، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بارغىن! _ دېدى پەرۋەردىگار. 2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى، يەنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا باردى. 3 داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. 4 شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 5 ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 6 سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەي، مەنمۇ ياخشىلىقىڭلارنى ياخشىلىق بىلەن ياندۇراي. 7 ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار، چۈنكى پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.» ئىشبوشەتنىڭمۇ پادىشاھ بولۇشى 8 نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 9 ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 10 سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، 40 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى. 11 داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى. يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ 12 بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ، گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 13 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلچىكىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى. 14 ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرقانچىسى چىقىپ ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب. 15 شۇنداق قىلىپ، ئىشبوشەت بىنيامىن قەبىلىسىدىن 12 ئادەم چىقاردى. داۋۇت تەرەپمۇ 12 ئادەم چىقاردى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئېلىشتى. 16 ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ باشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى. 17 شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، ئابنېر باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. 18 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاسائېلمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى. 19 ئۇ قاچقان ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى. 20 ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن: _ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى ئۇ. 21 ئابنېر: _ مېنى قوغلاشتىن توختىغىن، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالغىن، _ دېدى. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى. 22 _ مېنى قوغلىمىغىن! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىمىغىن. ئۇنداق قىلسام، ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ 23 لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاسائېلنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزىسىنىڭ دەستىسى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ، شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەندە، توختاپ قېلىشتى. 24 لېكىن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ دۆڭىگە يېتىپ كەلدى. بۇ دۆڭ گىبئون چۆلىگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى. 25 بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ دۆڭنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى. 26 ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەملىرىڭگە قېرىندىشىڭلارنى قوغلىماڭلار، دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى. 27 يوئاب: _ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى. 28 شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى. 29 ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى. 30 داۋۇتنىڭ ئادىمى بولغان يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى. 31 لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 32 يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى بەيتلەھەمگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti