Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يوئابنىڭ داۋۇتقا نەسىھەت قىلىشى

1 يوئابقا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئابسالوم ئۈچۈن ھازا ئېچىپ، ياش تۆكۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى.

2 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى.

3 ئۇلار شەھەرگە خۇددى جەڭگاھتىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەلگەن لەشكەرلەردەك جىمجىت كىرىپ كېلىشتى.

4 بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.

5 يوئاب ئۆيگە كىرىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، ئاياللىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملەرنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا.

6 سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا.

7 ئەمدى تاشقىرىغا چىقىپ، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغايلا. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىسىلا، بۈگۈن كېچە يانلىرىدا بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقلىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە باشلىرىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالا-قازا ھېسابلىنىدۇ.

8 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشكەنىدى.

9-10 ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە باشقا دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. لېكىن بىز ئابسالومنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدۇق، شۇڭا داۋۇت ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتىدىن كېتىپ قالدى. ئەمما ھازىر ئابسالوم ئۆلدى. نېمىشقا ئەمدى داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى.


داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى

11 ئىسرائىللارنىڭ سۆزلىرى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: «پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنى ئوردىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ھەققىدە سۆزلىشىۋېتىپتۇ. لېكىن سىلەر بۇ ئىشتا نېمىشقا ئۇلارنىڭ كەينىدە قالدىڭلار؟

12 سىلەر مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىنداشلىرىم تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مېنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

13 داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»

14 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى.

15 پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزگىلى كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرمۇ گىلگالغا كەلدى.


شىمئى بىلەن زىبانىڭ پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقىشى

16 بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمئى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا بېرىشقا ئالدىرىدى.

17 ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ غوجىدارى زىبا، ئۇنىڭ 15 ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى.

18 ئۇلار: _ پادىشاھ جەمەتىنى دەريادىن ئۆتكۈزەيلى، ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇندايلى، _ دېيىشتى ۋە دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈشتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دەريادىن ئۆتەي دەپ تۇراتتى، گېرانىڭ ئوغلى شىمئى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلىپ:

19 _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى ئۆتكۈزگەن گۇناھىمدىن ئۆتكەيلا، گۇناھىمنى ئەسلىرىدە ساقلىمىغايلا، ئۇنتۇپ كەتكەيلا.

20 پېقىر گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلدىم، شۇڭا ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلدىم، _ دېدى.

21 بۇ چاغدا مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي: _ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغان شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى.

22 لېكىن داۋۇت: _ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! بۈگۈن خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىۋاتىسىلەر، مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى

23 ۋە شىمئىگە قاراپ قەسەم ئىچىپ: _ سەن ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمەيسەن، _ دېدى.


مىفىبوشەتنىڭ داۋۇت ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىشى

24 سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا بارغانىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تارتىپ تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە پۇتلىرىنى، كىيىملىرىنى يۇيمىغان ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى.

25 ئۇ يېرۇسالېمدىن پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئى مىفىبوشەت، سەن نېمىشقا مەن بىلەن بىرگە كەتمىگەنىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

26 مىفىبوشەت: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، پېقىرلىرى توكۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىزمەتكارىم زىباغا: «ئېشەكنى ئىگەرلە، مەن ئېشەككە مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىرگە كېتىمەن» دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ مېنى ئالداپلا قالماستىن،

27 يەنە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا.

28 بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەرگەنىدىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى.

29 پادىشاھ: _ ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يېتەرلىك بولدى، سائۇلنىڭ زېمىنى زىبا ئىككىڭلارغا تەۋە بولسۇن، دېدى.

30 مىفىبوشەت: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئوردىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە. ھەممە زېمىننى زىبا ئالسۇن، _ دېدى.


بارزىللاينىڭ داۋۇت بىلەن خوشلىشىشى

31 گىلئادلىق بارزىللايمۇ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن روگىلىمدىن كەلگەنىدى.

32 ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.

33 پادىشاھ بارزىللايغا: _ دەريادىن مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈپ، يېرۇسالېمغا بېرىڭ، ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى.

34 لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: _ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟

35 مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟

36 مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىرئاز ھەمراھ بولاي دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن.

37 ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى.

38 پادىشاھ: _ كىمھام مەن بىلەن بىرگە دەريادىن ئۆتسۇن. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمنى خالىسىڭىز، شۇنداق مۇئامىلە قىلاي. مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى.

39 شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.


دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىنكى تالاش-تارتىشلار

40 پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ، گىلگالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كىمھاممۇ پادىشاھ بىلەن بىرگە ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇنى ۋە ئابسالومغا ئەگەشكەن باشقا ئىسرائىللارنىڭ قوشۇنىنىڭ يېرىمى پادىشاھقا ھەمراھ بولدى.

41 لېكىن ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئادەملىرى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى.

42 يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا: _ پادىشاھ داۋۇت بىزنىڭ قەبىلىمىزدىن بولغاچقا، شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ يەيدىغانلىرىدىن بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى.

43 ئۇلار: _ پادىشاھلىقىمىزدىكى ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئونى بىز تەرەپتە. شۇڭا بىزنىڭ پادىشاھ داۋۇتتا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەققىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ يەنە كېلىپ، پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېتەيلى دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ _ دېيىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقا ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىن بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan