سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئابسالومنىڭ توپىلاڭ پىلانلىشى 1 شۇنىڭدىن كېيىن ئابسالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە 50 چاپارمەن ھازىرلىدى. 2 ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلسە، ئابسالوم ئۇنىڭدىن «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ئۇ ئادەم: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دەپ جاۋاب بەرسە، 3 ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى. 4 ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە ھوقۇقدار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتىم» دەيتتى. 5 بىرەرسى كېلىپ، ئابسالومغا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ قوياتتى. 6 ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. 7 تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا: _ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىز! 8 مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى. 9 پادىشاھ: _ بارغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى. 10 بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە ئادەملىرىنى مەخپىي ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى. 11 ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىدى. 12 ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى. داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىن قېچىشى 13 بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى. 14 داۋۇت يېرۇسالېمدىكى ئەمەلدارلىرىغا: _ تېز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز! تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ كېلىپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ۋە پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى. 15 ئەمەلدارلار پادىشاھقا: _ باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، قارارلىرىغا ئەگىشىمىز، _ دېيىشتى. 16 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئون توقىلىنى قالدۇرۇپ قويدى. 17 پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. پادىشاھ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆينىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە توختىدى. 18 قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. 19 پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: _ نېمىشقا بىزگە ئەگىشىپ كېلىسەن؟ قايتىپ كەتكىن! سەن ئىسرائىللاردىن ئەمەس، باشقا ئەلدىن كەلگەن مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇرغىن. 20 سەن يېقىندىلا كەلدىڭ. مەن ئۆزۈممۇ نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سېنى يەنە سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. خۇدا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى سەندىن تەرك ئەتمىسۇن! _ دېدى. 21 بىراق ئىتتاي پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، سىلى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 22 داۋۇت ئىتتايغا: _ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىلەن يۈرۈۋەرگىن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 23 داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، قىدرون جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى. 24 روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، ساقلاپ تۇرۇشقانىدى. 25 پادىشاھ داۋۇت زادوققا: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ كېتىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسىتىدۇ. 26 ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى 27 پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا: _ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاس، روھانىي ئەبىياتار ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىرلىكتە شەھەرگە تىنچ-ئامان قايتىپ كېتىڭلار. 28 مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى. 29 شۇنداق قىلىپ، زادوق بىلەن ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۆزلىرىمۇ تۇرۇپ قېلىشتى. 30 داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى. 31 داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى. 32 داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى. 33 داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە ماڭساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن. 34 ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن. 35 روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتارمۇ شۇ يەردە، سەن ئوردىدا ئاڭلىغانلىرىڭنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. 36 ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە، ئۇلار ئۇچۇرلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزىدۇ، _ دېدى. 37 شۇنداق قىلىپ، داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti