Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يوئابنىڭ ئابسالومنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى

1 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇت پادىشاھنىڭ ئابسالومنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ،

2 تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،

3 پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگىن. مەن ساڭا نېمە دېسەم، پادىشاھقا شۇنى دېگىن، _ دېدى. يوئاب ئۇ ئايالغا پادىشاھقا نېمىلەرنى دېيىشنى ئۆگەتتى.

4 تىقوۋالىق ئايال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!

5 _ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال: _ مەن بىر تۇل ئايالمەن، ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن.

6 ئاجىزەلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

7 ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.

8 _ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن ساڭا پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت.

9 تىقوۋالىق ئايال يەنە: _ خەلق بۇ ئىشتا ئەيىبلىمەكچى بولسا، مېنى ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىسۇن، سىلى ۋە سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى ئەيىبلىمىسۇن، _ دېدى.

10 _ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

11 _ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.

12 _ ئاجىزەلىرىنىڭ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال. _ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ.

13 ئايال مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟

14 بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.

15 باشقىلار مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماس،

16 ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.

17 مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سۆزى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگارلىرى خۇدا سىلىگە يار بولغاي!

18 پادىشاھ: _ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، سەن سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەرگىن، _ دېدى. _ ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال.

19 _ سېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر.

20 ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىلا.

21 پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ئوغلۇم ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى.

22 يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە: _ پېقىر بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، چۈنكى پادىشاھىم تەلىپىمنى ئورۇندىدى، _ دېدى.

23 شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.

24 لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.


داۋۇتنىڭ ئابسالوم بىلەن كۆرۈشۈشى

25 پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى.

26 بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى.

27 ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.

28 ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى.

29 شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم يوئابنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى چاقىرتتى، لېكىن يوئاب كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابسالوم ئىككىنچى قېتىم يەنە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يوئاب يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى.

30 شۇ سەۋەبتىن ئابسالوم خىزمەتكارلىرىغا: _ مانا، يوئابنىڭ ئارپا تېرىغان ئېتىزى مېنىڭ ئېتىزىم بىلەن يانداش تۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋەتتى.

31 شۇنىڭ بىلەن يوئاب ئابسالومنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن: _ خىزمەتكارلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

32 ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.

33 يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan