Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئامنون ۋە تامار

1 داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى.

2 ئەمما تامار تېخىچە قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا كۆزى يەتمەي، كۆيۈك دەردىدە ئازابلىناتتى.

3 ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى.

4 ئۇ ئامنوندىن: _ شاھزادەم، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىسىز؟ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن ئانا باشقا ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى.

5 يوناداب: _ ئۇنداقتا سىز يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋېلىڭ. ئاتىڭىز يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «سىڭلىم تامار كېلىپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا تاماق ئېتىپ بەرسۇن. ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقىنى قولىدىن ئېلىپ يەي» دەڭ، _ دېدى.

6 شۇنداق قىلىپ، ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. ئاتىسى يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون: _ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز، تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى.

7 ئاتىسى داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرىڭ» دېدى.

8 شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاماق ئەتتى.

9 ئۇ ئەتكەن تامىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون تاماقنى يېگىلى ئۇنىماي، خىزمەتكارلىرىغا: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.

10 ئاندىن ئامنون تامارغا: _ تاماقنى ھۇجرامغا ئەكىر، ئۆز قولۇڭدىن ئېلىپ يەي، _ دېدى. تامار ئەتكەن تاماقنى ئېلىپ، ئاكىسى ئامنوننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

11 تامار تاماقنى ئۇنىڭغا سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ: _ سىڭلىم، كەل، مەن بىلەن ياتقىن! _ دېدى.

12 _ ياق، ئاكا، مېنى خورلىماڭ! ئىسرائىللار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلماڭ.

13 بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇياتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.

14 لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ تاماردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى.

15 ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆچلۈكى ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئامنون تامارغا: _ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.

16 _ مېنى قوغلىماڭ! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز مېنى دەپسەندە قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، _ دېدى تامار. لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى،

17 ئۇ خىزمەتكارىنى چاقىرىپ: _ بۇ خوتۇننى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقاپ قوي! _ دېدى.

18 ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى تاقاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىشەتتى.

19 تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.

20 ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: _ ھەي سىڭلىم، ئاكاڭ ئامنون ساڭا چېقىلدىمۇ؟ بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى.

21 پادىشاھ داۋۇت بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولدى.

22 ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.


ئابسالومنىڭ ئامنوننى ئۆلتۈرۈشى

23 ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قويلارنى قىرقىۋاتاتتى.

24 ئابسالوم شاھ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئەي ئالىيلىرى، ئادەملىرىم قويلارنى قىرقىۋاتىدۇ. سىز ئەمەلدارلىرىڭىزنى ئېلىپ، مەن بىلەن بىرگە زىياپىتىمگە مەرھەمەت قىلغايسىز، _ دېدى.

25 _ ياق ئوغلۇم، ئەگەر ھەممىمىز بارساق، ساڭا ئېغىرىمىز چۈشۈپ قالىدۇ، _ دېدى پادىشاھ. ئابسالوم پادىشاھقا قاتتىق يالۋۇردى. پادىشاھ يەنىلا بېرىشقا ئۇنىماي، پەقەت ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.

26 _ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

27 ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.

28 ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.

29 ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.

30 ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، بىرى داۋۇتقا: «ئابسالوم سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

31 داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.

32 لېكىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب داۋۇتقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن، دەپ ئويلىمىسىلا. پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەنىدى.

33 پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن خەۋەرگە ئىشەنمىسىلە. ئەمەلىيەتتە، ئۆلتۈرۈلگىنى پەقەت ئامنوندۇر، _ دېدى.

34 ئۇ چاغدا ئابسالوم ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى. سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆزەتچى تاغ تەرەپتىكى يولدا بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ، پادىشاھقا خەۋەر قىلدى.

35 _ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا.

36 ئۇنىڭ سۆزى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.

37-38 ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. پادىشاھ داۋۇت ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى.

39 ئامنوننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەسرىتى بېسىلغاندىن كېيىن، داۋۇت ئابسالومنى سېغىنىشقا باشلىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan