Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى ئەيىبلىشى

1 پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.

2 باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىكەن،

3 كەمبەغەلنىڭ پەقەت سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ قاچىسىدىن تاماق يەپ، سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ.

4 بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چارۋا ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپ، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ.

5 داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.

6 باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى لازىمدۇر، _ دېدى.

7 _ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇردۇم.

8 ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم.

9 سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟

10 سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»

11 پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن. خوتۇنلىرىڭنى كۆز ئالدىڭدا يېقىنلىرىڭدىن بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە خوتۇنلىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ.

12 سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇن قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.»

13 داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا: _ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى. _ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان،

14 _ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

15 شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى.

16 داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، ھەر كۈنى كېچىسى تۆشەكتە ئەمەس، يەردە ياتتى.

17 ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىرگە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى.

18 يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمۇ؟» دېيىشتى.

19 داۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرگەنلىكىدىن بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلدارلىرىدىن: _ بالا قازا قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ ھەئە! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

20 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.

21 شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە غىزا يېدىلە، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سوراشتى.

22 داۋۇت ئۇلارغا: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى.

23 ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن، ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.


سۇلايماننىڭ دۇنياغا كېلىشى

24 ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا سۇلايمان دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،

25 ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆردى»] دەپ ئات قويدى.


يوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ئېلىشى

26 شۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمنى داۋام قىلىۋاتاتتى. نەتىجىدە، ئۇ پادىشاھ ئوردىسىنى ئىگىلىدى.

27 ئۇ داۋۇتقا چاپارمەن ئەۋەتىپ: _ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم.

28 ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىڭ، بولمىسا شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالىمەن. ئۇ چاغدا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دېيىشىدۇ، _ دېدى.

29 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت قالغان قوشۇننى يىغىپ، رابباھقا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى.

30 ئۇ شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئېلىپ، بېشىغا كىيدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلو بولۇپ، ياقۇت بىلەن بېزەلگەنىدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى.

31 ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan