Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ ئارراملار ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1 ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.

2 داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،

3 ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.

4 شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.

5 پادىشاھ داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. داۋۇت ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.

6 ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.

7 داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يوللىدى.

8 ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى. زوباھ ۋە رىخوبتىكى ئارراملار، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى دالادا ئايرىم بىر سەپ تۈزدى.

9 يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئارراملارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى.

10 قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.

11 يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.

12 جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

13 يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى.

14 ئارراملارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

15 ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن ئارراملار يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى.

16 پادىشاھ ھادادئەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارراملارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە خېلام شەھىرىگە كەلدى.

17 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا كەلدى. ئۇ يەردە ئارراملار سەپ تۈزۈپ، داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

18 ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە يۈزنى ۋە باشقا لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.

19 ھادادئەزەرگە ئەگەشكەن پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇلارغا ئەل بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملار ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan