Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىشى

1 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى.

2 ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.

3 داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.

4 داۋۇت يەنە: _ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى. _ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل ۋە ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى يىگىت.

5 داۋۇت: _ سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

6 يىگىت: _ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇل ئۆزىنىڭ نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇراتتى. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى.

7 ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ، چاقىردى. مەن: «لەببەي» دېدىم.

8 ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم.

9 ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى.

10 مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى سىلىگە تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.

11 داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى.

12 ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن كۈن پاتقۇچە ماتەم تۇتۇشۇپ، يىغا-زار قىلىشىپ، روزا تۇتۇشتى.

13 داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: _ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. يىگىت: _ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

14 داۋۇت ئۇنىڭغا: پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى.

15 ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ: _ ئۇنى ئۆلتۈر! _ دېدى. ئۇ ئادەم بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئامالەك يىگىتنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

16 داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.


داۋۇتنىڭ سائۇل بىلەن يوناتانغا ئوقۇغان مەرسىيەسى

17-18 داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەندۇر.)

19 ئاھ ئىسرائىلىيە، غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا، قانداق يىقىلغاندۇ ئۇ پالۋانلار!

20 ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، جاكارلىماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا. خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمان بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!

21 ئەي گىلبوۋا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن! چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى. سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،

22 بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى، باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى. يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى، سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.

23 سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھايات چېغىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققان، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!

24 ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى، سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار! ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق لىباسلارنى كىيدۈرۈپ، لىباسىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەنىدى.

25 قانداق يىقىلغاندۇ باتۇرلار جەڭدە، قانداق قەتل قىلىنغاندۇ يوناتان تاغلاردا!

26 ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي! سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.

27 قانداق يىقىلغاندۇ پالۋانلار، قانداق ۋەيران بولغاندۇ جەڭ قوراللىرى!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan