پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار. 2 سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تونۇغانسېرى، خۇدانىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان مېھىر-شەپقىتى ۋە ئامانلىقى تېخىمۇ ئاشقاي! ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش 3 بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى. 4 ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز. 5 شۇڭا، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى، 6 بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى، 7 ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار. 8 چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. 9 بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. 10 ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر. 11 رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. 12 شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن ھەمدە ئۆزۈڭلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەر دائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 13 ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. 14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. 15 سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن. مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىش 16 بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز. 17 ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 18 شۇ چاغدا، بىز مۇقەددەس تاغدا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئەرشتىن كەلگەن بۇ ئاۋازنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق. 19 شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ. 20 شۇنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس. 21 چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti