Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېھۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1 پەيغەمبەر ئېلىشا پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر ياش پەيغەمبەرنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ تېز بولغىن، ماۋۇ بىر قۇتا ياغنى كۆتۈرۈپ، گىلئادتىكى راموتقا بارغىن.

2 ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەنى نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنى تاپقىن. ئۇنى بۇرادەرلىرى ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ، ئىچكىرىكى بىر ئۆيگە ئەكىرگىن.

3 ئاندىن قۇتىدىكى ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: «پەرۋەردىگار: ‹سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم› دەيدۇ» دېگىن. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپلا دەرھال قېچىپ كەتكىن، _ دېدى.

4 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش پەيغەمبەر گىلئادتىكى راموتقا قاراپ ماڭدى.

5 ئۇ راموتقا بارغاندا، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ شۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: _ سەركەردە، سىلىگە گېپىم بار ئىدى، _ دېدى. _ قايسىمىزغا؟ _ دەپ سورىدى يېھۇ. ئۇ: _ ئۆزلىرىگە، ئەي سەركەردە، _ دېدى.

6 يېھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە، ياش پەيغەمبەر ياغنى يېھۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم.

7 سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن شۇ ئارقىلىق خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن.

8 ئاخابنىڭ پۈتۈن جەمەتى يوقىلىدۇ. مەن ئىسرائىللاردىن ئاخابقا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن.

9 مەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى قانداق يوقاتقان بولسام، ئاخابنىڭ جەمەتىنىمۇ شۇنداق يوقىتىمەن.

10 ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئادەم چىقمايدۇ»، _ دېدى، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى.

11 يېھۇ سەركەردىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ چىققاندا، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن: _ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: _ سىلەر بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى.

12 ئۇلار: _ قۇرۇق گەپ قىلماي، بىزگە ئېيتقىنا، _ دېدى. يېھۇ: _ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار: ‹مەن سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم›» _ دېدى.

13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى پەلەمپەيگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.


يېھۇنىڭ يورام ۋە ئاخازيانى ئۆلتۈرۈشى

14 شۇنداق قىلىپ، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەنى نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ يورامغا سۇيىقەست پىلانلىدى. (بۇ چاغدا يورام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنى گىلئادتىكى راموتتا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتاتتى.

15 لېكىن پادىشاھ يورام ئاررام پادىشاھى خازائېل بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئارراملار ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن، ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتكەنىدى.) شۇڭا يېھۇ ئادەملىرىگە: _ ئەگەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى ئېتىراپ قىلساڭلار، بىرەر كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىپ، يىزرىئەلگە قېچىپ بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.

16 ئاندىن ئۇ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەلگە باردى. يورام ئۇ يەردە يارىدار بولۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى.

17 يىزرىئەلدىكى مۇناردا تۇرغان كۆزەتچى يېھۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: _ بىر توپ لەشكەر كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. يورام: _ بىر ئاتلىق لەشكەرنى چاقىرىڭلار، ئۇ بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «تىنچ-ئامانمۇ؟» دەپ سورىسۇن، _ دېدى.

18 شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتلىق لەشكەر يېھۇ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ: _ پادىشاھىمىز: «تىنچ-ئامانمۇسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېدى. يېھۇ ئۇنىڭغا: _ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ: _ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.

19 پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئاتلىق لەشكەرنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ پادىشاھىمىز: «تىنچ-ئامانمۇسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېدى. يېھۇ ئۇنىڭغا: _ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

20 كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ: _ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ھارۋا ھەيدىشىدىن قارىغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇدەك قىلىدۇ، ئۇ ھارۋىنى ساراڭدەك ھەيدەيتتى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.

21 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام: _ ھارۋا تەييارلاڭلار، _ دېدى. ئۇلار پادىشاھقا ھارۋا تەييارلاپ بېرىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا يېھۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار يېھۇ بىلەن يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى.

22 يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: _ تىنچ-ئامان كەلدىڭمۇ؟ _ دېدى. يېھۇ: _ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى.

23 يورام دەرھال بۇرۇلۇپ، قاچقىنىچە ئاخازياغا: _ ھەي ئاخازيا، بۇ ئاسىيلىق! _ دەپ توۋلىدى.

24 يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ دۈمبىسىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى.

25 يېھۇ ياردەمچىسى بىدقارغا: _ ئۇنىڭ جەسىتىنى يىزرىئەللىك نابوتنىڭ مۇشۇ ئېتىزلىقىغا تاشلىۋەت. ئېسىڭدە بارمۇ، سەن بىلەن مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاخابنىڭ كەينىدە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، پەرۋەردىگار ئاخاب ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەھىينى ئېيتقانىدى:

26 «مەنكى پەرۋەردىگار تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم. مەن بۇ قان قەرزنى ساڭا مۇشۇ ئېتىزلىقتا ياندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر». ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېتىزلىققا تاشلىۋەت، _ دېدى.

27 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ: _ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى.

28 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى.

29 (ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغانىدى.)

30 يېھۇ يىزرىئەلگە كەلدى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى.

31 يېھۇ دەرۋازىدىن كىرگەن چاغدا ئىزەبەل: _ خوجىسىنى ئۆلتۈرگەن «زىمرى»، تىنچلىقمۇسەن؟ _ دېدى.

32 يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ: _ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ، زادى كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ _ دېدى. ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.

33 يېھۇ ئۇلارغا: _ ئىزەبەلنى يەرگە تاشلاڭلار! _ دېدى. ئۇلار ئىزەبەلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى تامغا ۋە ئاتلارغا چاچرىدى. يېھۇ ئات بىلەن ئۇنى دەسسەپ، چەيلىدى.

34 يېھۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن: _ سىلەر بېرىپ، ئاۋۇ قارغىش تەگكۈر خوتۇننى كۆمۈۋېتىڭلار، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، _ دېدى.

35 ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە باردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى.

36 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ بېرىپ، ئەھۋالنى يېھۇغا ئېيتتى. يېھۇ: _ پەرۋەردىگار خىزمەتكارى تىشبىلىك ئىلياس ئارقىلىق مۇنداق دېگەنىدى: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ تۇپراقلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ.

37 ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىغا چېچىلغان قىغدەك چېچىلىپ كېتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى تېپىپ: ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan