Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


شۇنېملىق ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىزلىققا قايتا ئىگە بولۇشى

1 ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا: _ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز، شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى.

2 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، يەتتە يىل تۇردى.

3 يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئايال فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلغىلى باردى.

4 بۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازىغا: «سەن ماڭا ئېلىشا قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن،

5 گېخازى پادىشاھقا ئېلىشانىڭ ئۆلگەن بىر بالىنى تىرىلدۈرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ھېلىقى ئايال پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلىپ، كىرىپ كەلدى. گېخازى: _ ئى پادىشاھى ئالەم، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ئايال مانا مۇشۇدۇر، بۇ ئۇنىڭ تىرىلگەن ئوغلىدۇر، _ دېدى.

6 پادىشاھ ئۇ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن پادىشاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ئۈچۈن بىر ئەمەلدارنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا: _ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇ بۇ زېمىندىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەر، _ دېدى.


ئېلىشانىڭ خازائېلنىڭ رەزىللىكىنى ئالدىن ئېيتىشى

7 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،

8 ئەمەلدارى خازائېلغا: _ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.

9 خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئېلىشا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.

10 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ پادىشاھقا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، _ دېدى.

11 ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.

12 _ تەقسىر، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايلا؟ _ دېدى خازائېل. ئېلىشا: _ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرگە ئوت قويىسەن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، كىچىك بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يارىسەن، _ دېدى.

13 خازائېل: _ مەن قۇللىرى قانچىلىك ئادەم ئىدىم؟ بۇنداق چوڭ ئىشلار ئىتتىن پەرقسىز بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كەلسۇن؟ _ دېدى. _ پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، سەن ئاررام پادىشاھى بولىسەن، _ دېدى ئېلىشا.

14 خازائېل ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ پادىىشاھى بەنھادادنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن: _ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى. خازائېل جاۋابەن: _ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى.

15 لېكىن ئەتىسى ئۇ بەنھادادنى سۇغا چىلانغان يوتقان بىلەن بېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بەنھادادنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورام

16 ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھ بولدى.

17 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

18 يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

19 شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

20 پادىشاھ يىھورامنىڭ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى.

21 شۇنىڭ بىلەن يىھورام بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، زائىر شەھىرىگە باردى. ئىدوملۇقلار ئۇلارنى ئۇ يەردە قورشىۋالدى. يىھورام كېچىسى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە قورشاۋدىن قېچىپ چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر ئۆيلىرىگە تاراپ كەتتى.

22 شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى.

23 پادىشاھ يىھورامنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

24 يىھورام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا

25 ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

26 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى.

27 ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

28 پادىشاھ ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى.

29 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan