پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئېلىشا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ». 2 لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى. سامارىيەدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى 3 تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە: _ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ 4 ئەگەر بىز شەھەرگە كىرسەك، شەھەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. چۈنكى ئۇ يەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى. 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇگۇم چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىن كەلدى، ئەمما ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى. 6 چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ، 7 گۇگۇم چۈشكەندە چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى. ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشقانىدى. 8 تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى. 9 ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: _ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن بىز خۇش خەۋەر يەتكۈزسەك بولاتتى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بىز سەھەرگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى بىز بېرىپ، پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزەيلى، _ دېيىشتى. 10 ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ: _ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، بارگاھتا ئادەممۇ، ھېچبىر سادامۇ يوق. پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى. 11 دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى. 12 پادىشاھ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمەلدارلىرىغا: _ مەن سىلەرگە ئارراملارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي. ئۇلار بىزدە ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇلار شەھەردىن چىققاندا بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىمىز» دېيىشىپ، بارگاھلىرىدىن چىقىشىپ، دالادا مۆكۈنۈۋېلىشتى، _ دېدى. 13 ئەمەلدارلاردىن بىرى: _ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئاللىقاچان تۈگىشىپ، خۇددى ئۆلۈك ئادەملەردەك بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا قېلىپ قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقمايمىزمۇ؟ _ دېدى. 14 ئاندىن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلارنى تەييارلىدى. پادىشاھ ئۇلارنى ئاررام قوشۇنىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا: _ بېرىپ، ئەھۋالنى بىلىپ كېلىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى. 15 ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسىغىچە ئىز قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 16 ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى. 17 پادىشاھ سەركەردىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراشقا قويغانىدى. خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا ئېيتقىنىدەك، خەلق سەركەردىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. 18 ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئېلىشا: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا 4 كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە، 19 ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى. 20 ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا شۇ تەرىقىدە كەلدى. خەلق ئۇنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti