Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پالتا بېشىنىڭ سۇدا لەيلىشى

1 بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشاغا: _ ئۇستاز، كۆرۈپ تۇرۇپلا، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي بىزگە بەك كىچىك بولۇپ قالدى.

2 ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى دەرەخلەردىن كېسىپ، ئۆزىمىزگە شۇ يەردە ئۆي سالساق، _ دېيىشتى. ئېلىشا: _ بېرىڭلار! _ دېدى.

3 پەيغەمبەرلەردىن بىرى: _ خاپا بولماي، بىز بىلەن بىرگە بارغان بولسىلا، _ دېدى. ئېلىشا: _ بولىدۇ، باراي، _ دېدى.

4 ئېلىشا ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كېلىپ، دەرەخلەرنى كېسىشكە باشلىدى.

5 ئۇلار دەرەخ كېسىۋاتقاندا، بىرسىنىڭ پالتىسىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ: _ ئاپلا! ۋاي ئۇستاز، مەن بۇ پالتىنى ئۆتنە ئالغانىدىم، _ دەپ ۋارقىرىدى.

6 خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا: _ قەيەرگە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم پالتا چۈشۈپ كەتكەن يەرنى كۆرسەتتى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىر شاخ كېسىپ، ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى.

7 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى ئالغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى سوزۇپ، پالتىنىڭ بېشىنى ئالدى.


ئاررام قوشۇنىنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشى

8 ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە ئىدى. ئۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: _ مەن بارگاھىمنى پالانى-پۇستانى يەرلەرگە قۇرىمەن، _ دېدى.

9 خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېھتىيات قىلسىلا، ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىسىلە، چۈنكى ئارراملار شۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

10 ئىسرائىلىيە پادىشاھى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئاگاھلاندۇرغان يەرگە ئادەم ئەۋەتتى. ئېلىشا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، پادىشاھ ئۇ يەرلەردە ئېھتىيات بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى.

11 بۇ ئەھۋال ئاررام پادىشاھىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ: _ قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئارىمىزدا قايسىمىز ئىسرائىلىيە پادىشاھى تەرەپدارى؟ _ دېدى.

12 ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى: _ ئالىيلىرى، ھېچقايسىمىز ئەمەس. ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەر ئېلىشا ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىدۇ، _ دېدى.

13 ئاررام پادىشاھى: _ بېرىڭلار، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار. ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىمەن، _ دېدى. كېيىن پادىشاھقا «ئۇ ھازىر دوتاندا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلدى.

14 ئاررام پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان زور بىر قوشۇننى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىدە كېلىپ، دوتان شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى.

15 خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان بىر قوشۇنىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېلىشاغا: _ ۋاي خوجام، چاتاق بولدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى.

16 ئېلىشا: _ قورقمىغىن، بىز بىلەن بىرگە بولىدىغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلاردىن كۆپ، _ دېدى.

17 ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

18 ئارراملار ئېلىشاغا قارشى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: _ بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدى.

19 ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ باردى.

20 ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە، ئېلىشا: _ ئى پەرۋەردىگار، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئاچقايسەن، ئۇلار كۆرىدىغان بولسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيە شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى.

21 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇلارنى كۆرۈپ، ئېلىشادىن: _ ئى ئاتا، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

22 ئېلىشا: _ ياق، ئۆلتۈرمە، قىلىچ ۋە ئوقيالىرىڭ بىلەن ئەسىرگە ئالغانلارنىمۇ ئۆلتۈرمەيتتىڭغۇ! ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك كەلتۈر. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خوجايىنىنىڭ يېنىغا كەتسۇن، _ دېدى.

23 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارغا كاتتا زىياپەت تەييارلىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار خوجايىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ئارراملار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا تاجاۋۇز قىلمىدى.


سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق

24 كېيىن ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى.

25 شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، 100 گىرام كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە ئۆسكۈچىلىك داۋاملاشتى.

26 ئىسرائىلىيە پادىشاھى سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئايال ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا ياردەم بەرگەيلا! _ دېدى.

27 پادىشاھ: _ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى.

28 پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن: _ زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: _ ماۋۇ ئايال ماڭا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى، ئەتە مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيلى» دېدى.

29 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى» دېسەم، ئۇ ئوغلىنى يوشۇرۇۋالدى، _ دېدى.

30 پادىشاھ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تونى ئىچىگە ماتەملىك كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى.

31 پادىشاھ: _ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.

32 بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا: _ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا، ئۇنى سىلەر ئۆيگە كىرگۈزمەڭلار، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ، _ دېدى.

33 ئېلىشا دەل ئاقساقاللارغا گەپ قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ كېلىپ: _ بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگاردىن كەلگەن تۇرسا، مەن نېمىدەپ يەنە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ تۇرغۇدەكمەن؟ _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan