Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئېلىشانىڭ ئاررام سەركەردىسىنى ساقايتىشى

1 ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.

2 ئارراملار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چىققاندا، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن بىر كىچىك قىزنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇ قىز نائاماننىڭ خوتۇنىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

3 بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا: _ بېگىم سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر بېگىمنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.

4 پادىشاھ نائاماننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى.

5 پادىشاھ: _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى. نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى.

6 ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا سۇندى. مەكتۇپتا: «مەن بۇ مەكتۇپنى خىزمەتكارىم نائاماندىن سىلىگە يوللىدىم، سىلى ئۇنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقايلا» دەپ يېزىلغانىدى.

7 ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ: _ مەن جان ئالىدىغان ياكى جان ئاتا قىلىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ بۇ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.

8 خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياي» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.

9 شۇنىڭ بىلەن نائامان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى.

10 ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىدۇ ھەم پاكلىنىسەن» دېدى.

11 نائامان غەزەپ بىلەن: _ مەن تېخى ئۇنى چوقۇم يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئۆرە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، قولىنى كېسەل يەرنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرە كېسىلىمنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن.

12 دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دېگىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.

13 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ بېگىم، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە باشقا بىر چوڭ ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغان بولاتتىلا. ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.

14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، يەتتە قېتىم سۇغا چۆمۈلدى. شۇنىڭ ئۇ پاكلىنىپ، تېرىسى خۇددى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئەسلىگە كەلدى.

15 نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.

16 ئېلىشا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى. نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان:

17 _ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندىلا خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرىغىلا سۇنىمەن.

18 لېكىن سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرى بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ پادىشاھىم ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، پاداىشاھىم مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا پەرۋەردىگارلىرىنىڭ پېقىرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن، _ دېدى.

19 ئېلىشا: _ خاتىرجەم بولغىن، كېتىۋەرگىن، _ دېدى. نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.


گېخازىنىڭ ئاچكۆزلۈكى

20 شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى.

21 ئۇ نائاماننى قوغلاپ ماڭدى. نائامان بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشتى. ئۇ كەلگەندە: _ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

22 گېخازى: _ ھېچ ئىش بولمىدى، لېكىن خوجايىنىم: «بايىلا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئىككى يىگىت كەلگەنىدى، ئۇلارغا 35 كىلو كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىم بەرگەيسىز» دەيدۇ. مېنى ئۆزلىرىگە بۇ سۆزنى يەتكۈزگىلى ئەۋەتتى، _ دېدى.

23 نائامان ئۇنىڭغا: _ مەرھەمەت، 70 كىلو ئالغىن، _ دېدى. نائامان ئۇنىڭغا 70 كىلو كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ، زورلاپ بەردى ۋە ئىككى قۇر كىيىمنىمۇ قوشۇپ بەردى. نائامان بۇ نەرسىلەرنى ئىككى خىزمەتكارىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئىككىسى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، گېخازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

24 ئۇلار تاغقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى.

25 گېخازى ئۆيگە كىرگەندە، خوجايىنى ئېلىشا ئۇنىڭدىن: _ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. گېخازى: _ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى.

26 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، ئەجەبا مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىرگە ئەمەسمۇ؟ ھازىر پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟

27 شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan