Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


زەيتۇن يېغىنىڭ بەرىكەتلىنىشى

1 پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى ئەمدىلىكتە ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى.

2 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ مەن سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ ئېيتىڭە، ئۆيىڭىزدە نېمىڭىز بار؟ _ دېدى. ئايال: _ مەن ئاجىزەلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر كوزا زەيتۇن يېغىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، _ دېدى.

3 ئېلىشا: _ سىز چىقىپ، قولۇم-قوشنىلىرىڭىزدىن قۇرۇق كوزا ئۆتنە ئېلىپ كېلىڭ، كۆپرەك بولسۇن.

4 ئاندىن ئوغۇللىرىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزگە كىرىپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىڭ-دە، كوزىلارغا يېغىڭىزدىن قۇيۇڭ، لىق تولغان كوزىلارنى بىر چەتكە قويۇڭ، _ دېدى.

5 ئۇ ئايال ئېلىشانىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئەتتى. بالىلىرى قۇرۇق كوزىلارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ تۇردى، ئاپىسى ياغ قۇيدى.

6 كوزىلار توشقاندا، ئۇ ئوغلىغا: _ يەنە بىر كوزا سۇنۇپ بەر، _ دېدى. ئوغلى: _ ئەمدى كوزا قالمىدى، _ دېدى. ياغ ئېقىشتىن توختىدى.

7 ئايال چىقىپ، بۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا خەۋەر قىلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ياغلارنى سېتىپ، قەرزىڭىزنى تۆلەڭ. ئاشقان پۇل بىلەن تىرىكچىلىك قىلساڭلار بولىدۇ، _ دېدى.


شۇنېملىق ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى

8 بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا قاتتىق تۇتۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە، شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى.

9 ئۇ ئايال ئېرىگە: _ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.

10 بىز ئۆگزىمىزگە كىچىك بىر ئۆي سېلىپ، تۆشەك، ئۈستەل، ئورۇندۇق ۋە چىراغ تەييارلاپ بېرەيلى. ئۇ قاچان بىزنىڭكىگە كەلسە، شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، _ دېدى.

11 بىر كۈنى ئېلىشا ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆگزىدىكى ئۆيگە چىقىپ ياتتى.

12 ئېلىشا خىزمەتكارى گېخازىغا: _ سەن ئۇ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. خىزمەتكارى ئۇ ئايالنى چاقىرىپ كەلدى.

13 ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ سەن ئۇ ئايالدىن: «سىز بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدىڭىز. بىز سىزگە نېمە قىلىپ بېرەيلى؟ سىزگە ۋاكالىتەن پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەركەردىسىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىرەر گەپ بارمۇ؟» دەپ سورىغىن، _ دېدى. ئايال: _ يوق، مەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، _ دېدى.

14 كېيىن ئېلىشا گېخازىغا: _ ئۇ ئايالغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولار؟ _ دېدى. گېخازى ئويلىنىپ: _ ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىكەن، ئېرىمۇ قېرىپ كېتىپتۇ، _ دېدى.

15 ئېلىشا گېخازىغا: _ ئۇ ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. گېخازى ئۇ ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىك ئالدىدا ھازىر بولدى.

16 ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال: _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.

17 خۇددى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، كېيىنكى يىلى ئېلىشا ئېيتقان ۋاقتىدا بىر ئوغۇللۇق بولدى.

18 بالا چوڭ بولۇپ، بىر كۈنى ئورمىچىلار بىلەن تۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى.

19 ئۇ دادىسىغا: _ ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم! _ دەپ ۋارقىرىدى. دادىسى خىزمەتكارىغا: _ بالىنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭلار، _ دېدى.

20 خىزمەتكار بالىنى كۆتۈرۈپ، ئانىسىغا ئاپاردى. بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، چۈش بولغاندا جان ئۈزدى.

21 ئايال بالىخانىغا چىقىپ، بالىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ تۆشىكىگە قويدى-دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

22 ئاندىن ئۇ ئېرىگە ۋارقىراپ: _ ماڭا خىزمەتكارلاردىن بىرنى ۋە ئېشەكتىن بىرنى بەرسىلە، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي، _ دېدى.

23 ئېرى ئۇنىڭغا: _ يا يېڭى ئاي بايرىمى، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى: _ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.

24 ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇپ، خىزمەتكارىغا: _ ئېشەكنى سەن تېز ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە ئاستىلاپ قالما، _ دېدى.

25 ئۇلار يولغا چىقىپ، كارمەل تېغىدىكى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئېلىشا ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، خىزمەتكارى گېخازىغا: _ ئەنە قارا، شۇنېملىق ئايال كېلىۋاتىدۇ!

26 دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن: «تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز تىنچلىقمۇ؟ بالىڭىز تىنچلىقمۇ؟» دەپ سورىغىن، _ دېدى. ئايال ئېلىشانىڭ خىزمەتكارىغا: _ ھەممىسى تىنچلىق، _ دېدى.

27 ئاندىن ئايال تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى.

28 ئايال: _ مەن سىلىدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ مەن سىلىگە: «يالغان ئېيتمىغايلا» دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

29 ئېلىشا گېخازىغا: _ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. بېرىپ، ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.

30 ئايال ئېلىشاغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

31 گېخازى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويۇۋىدى، سادا چىقمىدى، ئىنكاسمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئېلىشاغا: _ بالا ئويغانمىدى، _ دېدى.

32 ئېلىشا ئۆيگە كەلگەندە، ئۆلگەن بالا ئېلىشانىڭ تۆشىكىدە ئىدى.

33 ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا يالغۇز كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.

34 ئاندىن تۆشەككە چىقىپ، ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا، كۆزىنى بالىنىڭ كۆزىگە، ئالىقىنىنى بالىنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ، بالىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى.

35 ئاندىن ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، يەنە تۆشەككە چىقىپ، بالىنىڭ ئۈستىدە ياتتى. بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈرۈپ، ئاندىن كۆزىنى ئاچتى.

36 ئېلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: _ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. گېخازى ئۇ ئايالنى چاقىردى. ئېلىشا ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئايالغا: _ بالىڭىزنى ئېلىڭ، _ دېدى.

37 ئايال ئېلىشانىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.


ئېلىشانىڭ شورپىنى زەھەرسىزلەندۈرۈشى

38 كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا: _ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا قىلىپ بەر، _ دېدى.

39 بىرەيلەن دالاغا ئوتياش تەرگىلى ماڭدى. ئۇ ياۋا كاۋا پېلەكلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئېتەككە لىق كەلگۈدەك خەمەكلىرىنى تېرىپ ئەكېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى. لېكىن ھېچكىم بۇ خەمەكنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

40 ئاندىن شورپا كىشىلەرگە ئۇسۇپ بېرىلدى. ئۇلار شورپىنى ئىچىپلا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، قازاندا زەھەر بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىشىپ، شورپىنى ئىچمىدى.

41 ئېلىشا: _ ماڭا ئازراق ئۇن بېرىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۇ ئۇننى قازانغا چېچىپ: _ ئەمدى ئۇسۇپ بېرىۋەر _ دېدى. بۇ چاغدا قازاندا زەھەر قالمىغانىدى.


يۈز ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى

42 بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.

43 خىزمەتكارى: _ بۇ ئازغىنا يېمەكلىكنى يۈز ئادەمگە قانداقمۇ يەتكۈزەلەيمەن؟ _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: _ كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار: «ئۇلار تويىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

44 شۇنداق قىلىپ، خىزمەتكار يېمەكلىكلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ تويۇشتى، خۇددى پەرۋەردىگار ئېلىشاغا ئېيتقاندەك، ئېشىپمۇ قالدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan