Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام

1 يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

2 يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭكىگە يەتمەيتتى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان بائالنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى كۆزدىن يوقاتقان بولسىمۇ،

3 لېكىن ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىغا چىڭ چاپلىشىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇردى.


موئاب بىلەن بولغان جەڭ

4 موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلاننى ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان ھېسابىدا تاپشۇراتتى.

5 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئاب پادىشاھى مېشا پادىشاھ يورامدىن يۈز ئۆرۈدى.

6 شۇ چاغدا پادىشاھ يورام سامارىيەدىن چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى جەم قىلدى.

7 ئاندىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات بىلەن كۆرۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ: «موئاب پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. سىلى مەن بىلەن بىرلىكتە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقاملا؟» دەپ سورىدى. پادىشاھ يىھوشافات ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچۇر ئەۋەتتى ۋە: «سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، دەپ بىلگەيلا.

8 سىلىچە، بىز قايسى يول بىلەن ھۇجۇم قىلساق بولار؟» دەپ سورىدى. يورام: «ئىدوم چۆلىدىكى يول بىلەن بارايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى.

9 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالمىدى.

10 ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام: _ ھەي ئىسىت! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ يىغقانىكەن-دە، _ دېدى.

11 لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات: _ بۇ يەردە بېشارەت سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ: _ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى.

12 پادىشاھ يىھوشافات: _ ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزەلەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى ئېلىشانىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى باردى.

13 ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا: مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىز ۋە ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى. لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا: _ بۇنداق دېمەڭ، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى يىغىپ، موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمەكچى، _ دېدى.

14 ئېلىشا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، سىزگە قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم.

15 بوپتۇ، ئەمدى سىلەر مېنىڭ يېنىمغا بىر سازەندە باشلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. سازەندە ساز چېلىۋاتقىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئېلىشاغا چۈشتى.

16 ئۇ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جىلغىنىڭ ھەممە يېرىگە خەندەك قېزىڭلار،

17 گەرچە سىلەر شامال چىققىنىنى ياكى يامغۇر ياققىنىنى كۆرمىسەڭلارمۇ، لېكىن بۇ جىلغا ئۆزۈڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلارغا يەتكۈدەك سۇغا تولىدۇ».

18 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.

19 سىلەر بارلىق مۇستەھكەم ۋە ئاۋات شەھەر-قەلئەلەرنى ۋەيران قىلىسىلەر، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىۋېتىسىلەر، بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇۋېتىسىلەر، بارلىق مۇنبەت ئېتىزلارنى تاشلار بىلەن خاراب قىلىۋېتىسىلەر، _ دېدى.

20 ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتىدا سۇ ئىدوم تەرەپتىن كەلدى، ھەممە يەر سۇغا تولدى.

21 موئاب خەلقى پادىشاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلغىلى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قورال-ياراغ كۆتۈرەلەيدىغان چوڭ-كىچىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرادا تۇرۇشتى.

22 ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، كۈن نۇرى سۇ يۈزىدە يالتىرايتتى. شۇڭا ئۇلارغا سۇ يىراقتىن خۇددى قىپقىزىل قاندەك بولۇپ كۆرۈندى. ئۇلار:

23 _ بۇ قانغۇ، ئۈچ پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشۇپ، بىر-بىرىنى قىرىشقان ئوخشىمامدۇ؟ ئەي موئابلار، ئەمدى بىز ئولجا ئالغىلى بارايلى! _ دېيىشتى.

24 لېكىن موئابلار ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىغا كەلگەندە، ئىسرائىللار ئۇلارغا زەربە بەردى. موئابلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قېچىشتى. ئىسرائىللار موئابلارنى قوغلاپ، سۈر-توقاي قىلىشتى.

25 ئىسرائىللار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق مېۋىلىق دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىدى. پەقەت سېپىللىرى تاشتىن سوقۇلغان قىرخەرەس شەھىرىلا قالدى. سالغا ئاتقۇچىلار بۇ شەھەرنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلىشتى.

26 موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق لەشكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان چوڭ ئوغلىنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللار چوڭ بىر غەزەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، شەھەرنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا قايتىپ كېتىشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan