پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىدى. 2 شۇنداق قىلىپ، شەھەر تاكى پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى. 3 شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 4 بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى. 5 بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. 6 بابىللىقلار پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 7 ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. 8 شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. 9 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 10 ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. 11 ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان ئاھالىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى ھەم شەھەر ئەتراپىدا قالغان خەلقنى يالاپ ئېلىپ كەتتى. 12 بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. 13 بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 14 ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 15 بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ۋە كۈمۈش چوغدانلارنى، ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى ئېلىپ كەتتى. 16 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. 17 ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر ئىدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش تورسىمان بېزەك بار ئىدى. 18 ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ نەپەر دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىينى، 19 شەھەردە قېلىپ قالغان بىر نەپەر لەشكەر نازارەتچىسىنى، بەش نەپەر پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسىنى، بىر نەپەر لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە باشقا ئاتمىش كىشىنى تۇتتى. 20 نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 21 بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى. ۋالىي گىداليا 22 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى يەھۇدىيە زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى. 23 يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى. 24 گىداليا ئۇلارغا قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ بابىللىق ئەمەلدارلارنىڭ قول ئاستىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىڭلار ۋە بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 25 لېكىن كۈز كەلگەندە پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى، يەنى ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل ئۆزىگە ئون ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، مىزپاھقا كېلىپ، گىداليانى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىيەلىكلەر بىلەن بابىللىقلارنى قەتل قىلدى. 26 شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئاھالىلەر قېرى-ياش دېمەي سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قېچىشتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورققانىدى. بابىل پادىشاھىنىڭ يىھوياكىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى 27 يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. 28 ئەۋىل-مىرودۇك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى. 29 يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 30 ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti