پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگار بىلەن قايتا ئەھدە تۈزۈش 1 پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغىلىشقا چاقىردى. 2 پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى. 3 پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى. بۇتپەرەسلىكنى يوقىتىش 4 پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھ بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى. 5 ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى. 6 پادىشاھ يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى. 7 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چاقتۇردى. ئاياللار بۇ ئۆيلەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى. 8 ئۇ يەنە شەھەر باشلىقى يوشۇۋانىڭ نامىغا بېغىشلانغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزدۇردى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ گەبادىن بەئەرشەباغىچە بولغان ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى. شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلغان بارلىق لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان روھانىيلارنى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. 9 لېكىن ئۇلارنىڭ روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولغان پېتىر ناننى تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. 10 ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن بەنھىننوم جىلغىسىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى. 11 ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتالغان جەڭ ھارۋىلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 12 يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ خاس سارىيىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىكى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئاندىن قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى. 13 پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى. 14 ئۇ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتۇرۇۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى چاچقۇزدى. 15 بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بەيتەلدە ياساتقان غەيرىي سەجدىگاھىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى، يەنى سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ، كۈل قىلدى. ئۇ يەنە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 16 ئاندىن يوشىيا ئەتراپىغا قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆردى. ئۇ قەبرىلەردىن ئۇستىخانلارنى چىقىرىپ، ئۇلارنى چېقىلغان قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى جاكارلىغان پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرى ئەمەلگە ئاشتى. 17 يوشىيا: _ بۇ كىمنىڭ قەبرە تېشى؟ _ دەپ سورىدى. بەيتەللىكلەر ئۇنىڭغا: _ ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، سىزنىڭ مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇزدۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرنىڭ، _ دېدى. 18 يوشىيا: _ چېقىلماڭلار، ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىك پەيغەمبەرنىڭ ئۇستىخىنىغا تەگمىدى. 19 يوشىيا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى خۇددى بەيتەلدە ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلدى. 20 ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى روھانىيلارنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلدى ۋە ئۇ يەردە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈردى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش 21 پادىشاھ پۈتۈن خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ مۇشۇ ئەھدىنامىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار، _ دېدى. 22 ئىسرائىللار مەيلى سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، مەيلى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 23 بۇ قېتىم يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى پادىشاھ يوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۆتكۈزۈلدى. 24 يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيەدىكى، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى، بۇتلارنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلارنى، يەنى ھەممە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى. 25 يوشىيا چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلەندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر پادىشاھ ئۇنىڭدەك قىلىپ باقمىغان ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى. 26 لېكىن پادىشاھ ماناسسەنىڭ قىلغان تۈرلۈك يامان ئىشلىرى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپى يانمىدى. 27 شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندەك، يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تاشلىۋېتىمەن، ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن› دەپ تاللىغان ئىبادەتخانىنى تەرك ئېتىمەن» دېدى. 28 پادىشاھ يوشىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29 ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى. 30 يوشىيانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى مىگىددودىن جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاخاز 31 يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 32 يوئاخاز خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 33-34 پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى. 35 يىھوياقىم بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنى پىرئەۋنگە تۆلىدى. ئۇ پىرئەۋنگە تۆلىگەن بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ مۈلكىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىق سېلىپ، يىغقانىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم 36 يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى. 37 يىھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti