پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە 1 ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. 2 ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3 ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4 گەرچە پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5 ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. 6 ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7 ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. پەرۋەردىگار بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن. 8 ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇنۇمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى. 9 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى. 10 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: 11 «يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، 12 مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا چۈشۈرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ. 13 مەن سامارىيە ۋە پادىشاھ ئاخاب جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن. 14 مەن خەلقىم ئىچىدىكى بالا-قازادىن ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ. 15 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە، مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى›». 16 ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى. 17 پادىشاھ ماناسسەنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 18 ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززا بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئامون 19 ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى. 20 ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 21 ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا مېڭىپ، ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 22 ئۇ پەرۋەردىگارنى، يەنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدى. 23 ئاموننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 24 لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 25 پادىشاھ ئاموننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 26 ئۇ ئۇززا بېغىدىكى ئۆزىگە تەييارلىغان قەبرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوشىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti