پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ ئىلياسنى ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى 1 پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى. 2 ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى. 3 بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئېلىشادىن: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى. 4 ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى. 5 ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى. 6 ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى. 7 پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئەللىك ئادەم ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسى بويىدا توختىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلاردىن نېرىراق يەردە تۇختاشتى. 8 ئىلياس تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ، دەريادىن ئۆتتى. 9 ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئېلىشادىن: _ نېمە تەلىپىڭ بار؟ مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ تۇنجى ئوغۇلغا مىراسنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلگەندەك، ماڭىمۇ سىلىگە چۈشكەن روھنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلسە، مەن سىلىنىڭ ئىز باسارلىرى بولسام، _ دېدى. 10 ئىلياس: _ تىلىگىنىڭ قىيىن بىر ئىش. ئەگەر يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلگىنىمنى كۆرسەڭ، تىلىگىنىڭ ساڭا نېسىپ بولىدۇ. كۆرمىسەڭ، نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى. 11 ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. 12 ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: _ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى. ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. 13 ئېلىشا ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان توننى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ باردى. 14 ئۇ ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن تون بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىلياس ئېتىقاد قىلغان خۇدا، سەن قەيەردە؟ _ دەپ نىدا قىلدى. شۇ ھامان سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېلىشا دەريادىن ئۆتتى. 15 بۇ ئىشنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان ئېرىخادىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر جامائىتى: _ ئىلياسنىڭ روھى ئېلىشاغا چۈشۈپتۇ! _ دېيىشكىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە باشلىرىنى يەرگە قويۇپ، تەزىم قىلىشتى. 16 ئۇلار ئۇنىڭغا: _ بۇ يەردە خىزمەتكارلىرىدىن ئەللىك پالۋان تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرىنى ئىزدىشىگە رۇخسەت قىلغايلا. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇ زاتنى كۆتۈرۈپ، بىرەر تاغ ياكى بىرەر جىلغىغا چۈشۈرۈپ قويدىمىكىن، _ دېيىشتى. ئېلىشا: _ ياق، ئادەم ئەۋەتىپ يۈرمەڭلار، _ دېدى. 17 ئەمما ئۇلار ئۇنى تولا قىستاۋەرگەنلىكتىن ئۇ خىجالەت بولۇپ: _ بوپتۇ، ئەۋەتىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللىك ئادەم ئەۋەتىپ، ئۈچ كۈن ئىزدەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلياسنى تاپالمىدى. 18 ئاخىر ئۇلار ئېرىخادىكى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتتى. ئۇ ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە بارماڭلار دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى. ئېلىشانىڭ ئېرىخا شەھىرىدىكى بۇلاقنى پاكلىشى 19 ئېرىخا شەھىرىدىكى كىشىلەر ئېلىشاغا: _ ئەي ئۇستاز، مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىلا، بۇ شەھەر ئوبدان يەرگە جايلاشقان، شۇغىنىسى سۈيى ناچار، تۇپرىقى قاقاستۇر، _ دېيىشتى. 20 ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر بىر يېڭى قاچىدا تۇز ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار تۇزنى ئېلىپ كېلىشتى. 21 ئېلىشا بۇلاق بېشىغا بېرىپ، تۇزنى بۇلاققا تۆكۈپ: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن بۇ سۇنى پاكلىدىم. بۇ سۇ ئەمدى ھەرگىز جانغا زامىن بولمايدۇ ھەم تۇپراقنى شورلاشتۇرمايدۇ، _ دېدى. 22 سۇ خۇددى ئېلىشا ئېيتقاندەك شۇنىڭدىن بېرى پاكتۇر. بالىلارنىڭ ئېلىشانى مازاق قىلىشى 23 ئېلىشا ئېرىخادىن بەيتەلگە ماڭدى. شۇ چاغدا شەھەردىن بىر توپ بالىلار چىقىپ: «كېتە تاز، كېتە تاز!» دەپ زاڭلىق قىلىشتى. 24 ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا جاڭگالدىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42سىنى تىتىپ تاشلىدى. 25 ئېلىشا ئۇ يەردىن چىقىپ، كارمەل تېغىغا باردى. ئاندىن كارمەل تېغىدىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti