پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا 1 ئەلاھنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ئوغلى خىزكىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 3 خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4 ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى. 5 خىزكىيا پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىپ ياشىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك بىرەرى چىقمىدى. 6 ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي، ئۇنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلدى. 7 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. 8 ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى گازا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا، يەنى يېزىلاردىن تاكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگىچە ھەممە يەرلەردە مەغلۇپ قىلدى. 9 خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4- يىلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن كەلدى. 10 سامارىيە شەھىرى قورشاۋغا ئېلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6- يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9- يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىدى. 11 ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. 12 چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا بۇيرۇغان ئەمرلەرگە ئەمەل قىلمىغانىدى. سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى 13 پادىشاھ خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 14 يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ گۇناھ مەندە، بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتسىلە، ماڭا قانداق سېلىق سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن سېلىق سالدى. 15 خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. 16 ئۇ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇرۇن ئۆزى قاپلاتقان ئىشىك ۋە كېشەكلەردىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى سويۇپ ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى. 17 كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى. 18 ئۇلار پادىشاھ خىزكىيانى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. 19 سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ 20 سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ 21 سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 22 بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيە خەلقىگە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىگە پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟» 23 سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن شەرتلىشەيلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بەرسەك، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تاپالامسىلەر؟ 24 سىلەرگە مىسىرنىڭ لەشكەرلىرى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! 25 بىزنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىمىزنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى بىزگە: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. 26 خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى: _ تەقسىر، بىزگە ئاررامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن. 27 سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى. 28 ئاندىن ئۇ رۇسلىنىپ، ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: _ ئۇلۇغ پادىشاھىمىز ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 29 پادىشاھىمىز مۇنداق دەيدۇ: «خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار، ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 30 خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 31 خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 32 كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى مول بولغان، شۇنداقلا زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. 33 قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ 34 خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى يوقمىدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 35 قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» 36 خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 37 خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti