Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيا

1 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يامانلىقتا ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىدىن ئېشىپ كەتمىدى.

3 ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى.

4 كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئالۋان-سېلىق تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.


ئىسرائىلىيەنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبى

5 ئاسسۇر پادىشاھى پۈتۈن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرنى ئۈچ يىل قورشاۋغا ئالدى.

6 ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇردىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.

7 بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى.

8 ئۇلار ئىزچىل تۈردە پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلگەنىدى.

9 ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار يېزىلاردىن تارتىپ تاكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشقانىدى.

10 شۇنداقلا ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلەشكەنىدى.

11 ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش ئاشۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق سۇنۇپ ھەم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشكەنىدى.

12 گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «سىلەر بۇتقا چوقۇنماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇتلارغا چوقۇنۇۋەرگەنىدى.

13 پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،

14 لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماستىن، خۇددى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش بوينىنى قاتتىق قىلىپ كەلدى.

15 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى.

16 ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى.

17 ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

18 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.

19 كېيىن يەھۇدىيەلىكلەرمۇ پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يولىنى تۇتتى.

20 نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.

21 پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋۇت جەمەتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىكلەر نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. ياروبئام ئىسرائىلىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھقا يېتەكلىدى.

22 ئىسرائىلىيەلىكلەر ياروبئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزمىدى.

23 ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەردە ياشىماقتا.


يات خەلقلەرنىڭ سامارىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

24 ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيە ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى.

25 ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

26 بىرسى ئاسسۇر پادىشاھىغا: _ ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتىپتۇ. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولۇپتۇ، _ دېدى.

27 شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ سىلەر سامارىيەدىن ئەسىر ئالغان روھانىيلارنىڭ بىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ، خەلققە شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆگەتسۇن، _ دېدى.

28 شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدىن ئەسىرگە ئېلىنغان روھانىيلاردىن بىرى بەيتەلگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگاردىن قانداق ئەيمىنىشنى ئۆگەتتى.

29 لېكىن ھەرقايسى خەلقلەر يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە خەلقلەر ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى.

30 بابىللىقلار سۇككوت-بىنوتنىڭ بۇتىنى، كۇتاھلىقلار نېرگالنىڭ بۇتىنى، خاماتلىقلار ئاشىمانىڭ بۇتىنى،

31 ئىۋۋاھلىقلار نىبخازنىڭ ۋە تارتاقنىڭ بۇتىنى ياساشتى. سىفارۋايىملىقلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە تەقدىم قىلىشتى.

32 ئۇلار بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنى ئۆز ئىچىدىن تاللاپ چىقىشتى.

33 ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان ئانا يۇرتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ چوقۇنۇشتى.

34 سامارىيەلىكلەر يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم ئىسرائىل دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە.

35 پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلغانىدى: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار ۋە قۇربانلىق قىلماڭلار.

36 لېكىن سىلەر يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھەممىگە قادىر قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار.

37 سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ھەر دائىم كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنماڭلار.

38 مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار.

39 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن».

40 لېكىن سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ياشاۋەردى.

41 شۇنداق قىلىپ، بۇ خەلقلەر بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ شۇنىڭدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan