پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا 1 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام IIنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى ئامازيانىڭ ئوغلى ئۇززىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 16 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. 3 ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4 بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. 5 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇززىيانى جازالاپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 6 پادىشاھ ئۇززىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 7 ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىكىرىيا 8 يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ياروبئام IIنىڭ ئوغلى زىكىرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى. 10 يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم زىكىرىياغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى خەلق ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 11 پادىشاھ زىكىرىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 12 (پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇغا «سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى دەرۋەقە ئەمەلگە ئاشتى.) ئىسرائىلىيە پادىشاھى شاللۇم 13 يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 14 گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 15 پادىشاھ شاللۇمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16 مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تىفساخ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ يەرلەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى مىناخېم 17 يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن ئۆمۈر بويى قول ئۈزمىدى. 19 ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى. 20 مىناخېم ئاسسۇر پادىشاھىغا بەرگەن بۇ پۇللارنى ئىسرائىلىيەلىك ھەربىر بايدىن 600 گىرامدىن يىغقانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا تۇرماي قايتىپ كەتتى. 21 پادىشاھ مىناخېمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 22 مىناخېم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى پىقاخيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى پىقاخيا 23 يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 50-يىلى مىناخېمنىڭ ئوغلى پىقاخيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى. 25 پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە گىلئادلىق ئەللىك نەپەر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى. 26 پادىشاھ پىقاخيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ 27 يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 52-يىلى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى. 29 ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى. 30 ئۇززىيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى. 31 پادىشاھ پەقاخنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم 32 رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 33 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. 34 يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 35 بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەرۋازا ياساتتى. 36 پادىشاھ يوتەمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 37 شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنى يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى. 38 يوتەم ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti