Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا

1 يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

2 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى.

3 ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ،

4 لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

5 ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى.

6 لېكىن قاتىللارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

7 ئامازيا تۇز جىلغىسىدا 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. ئۇ سەلا شەھىرىنى جەڭ بىلەن ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېل دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئامازيانىڭ يىھوئاش بىلەن جەڭ قىلىشى

8 شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

9 ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ.

10 شۇنداق، سىز ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبتىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىڭىز. ئەسلىدە سىز غەلىبىڭىزدىن ماختىنىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز ياخشى بولاتتى. ئەمما سىز ئەمدى نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىيەنىمۇ ۋەيران قىلماقچى بولىسىز؟

11 لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى.

12 يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.

13 ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى.

14 ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، بۇيۇملارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيە شەھىرىگە قايتتى.

15 پادىشاھ يىھوئاشنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا قارشى ئېلىپ بارغان غەلىبىلىك ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

16 يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئامازياغا سۇيىقەست قىلىنىشى

17 يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى.

18 پادىشاھ ئامازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

19 يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.

20 ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

21 پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

22 ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II

23 يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

24 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى.

25 ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى ئامىتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.

26 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرى-ياش دېمەي، ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى.

27 شۇڭا پەرۋەردىگار يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغانىدى.

28 پادىشاھ ياروبئام IIنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قانداق قىلىپ قايتىدىن ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

29 ياروبئام II ۋاپات بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى زىكىرىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan