پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخاز 1 ئاخازيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 3 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 4 شۇنىڭ بىلەن يىھوئاخاز پەرۋەردىگاردىن شەپقەت تىلىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئاررام پادىشاھى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 5 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاۋۋالقىدەكلا خاتىرجەم ياشاپ قالدى. 6 ئەمما ئۇلار ياروبئام جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى ۋە شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى. 7 ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى. 8 پادىشاھ يىھوئاخازنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 9 يىھوئاخاز ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى، ئوغلى يىھوئاش تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش 10 يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 11 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمەي، داۋاملىق گۇناھ ئۆتكۈزدى. 12 پادىشاھ يىھوئاشنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا قارشى ئېلىپ بارغان غەلىبىلىك ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 13 يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئېلىشانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى 14 ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ: _ ئاتا، ئاتا، ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى. 15 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ يا بىلەن بىرقانچە ئوق ئېلىپ كەل! _ دېدى. يىھوئاش يا بىلەن ئوقلارنى ئەكەلدى. 16 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ يانى قولۇڭغا ئال! _ دېدى. يىھوئاش يانى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئېلىشا قولىنى پادىشاھنىڭ قولىغا قويدى ۋە: 17 _ شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچ، _ دېدى. يىھوئاش دېرىزىنى ئاچتى. ئاندىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئوقنى ئات! _ دېدى. ئۇ ئوقنى ئاتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبە ئوقى، ئاررامنى مەغلۇپ قىلىدىغان غەلىبە ئوقى! سەن ئافېقتا ئارراملارنى پۈتۈنلەي يوقىتىسەن، _ دېدى. 18 ئېلىشا يەنە: _ قولۇڭغا ئوق ئال! _ دېدى. يىھوئاش ئوقنى قولىغا ئالدى. ئېلىشا: _ ئوقنى يەرگە ئۇر! _ دېدى. يىھوئاش ئوقنى يەرگە ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ، توختىدى. 19 شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: _ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى. 20 شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار ھەر يىلى ئەتىيازدا موئاب قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى. 21 كىشىلەر بىر كۈنى بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن بىر توپ موئاب قاراقچىلىرىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆلۈكنى ئېلىشا ياتقان شام گۆرگە تاشلاپلا قاچتى. ئەمما ئۆلۈك ئېلىشانىڭ مېيىت سۆڭەكلىرىگە تېگىشى بىلەنلا تىرىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. ئېلىشانىڭ ئاخىرقى بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى 22 يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، 23 لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى. 24 ئاررام پادىشاھى خازائېل ۋاپات بولۇپ، ئوغلى بەنھاداد تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 25 خازائېل ئۇرۇش ۋاقتىدا يىھوئاخازنىڭ قولىدىن بىرنەچچە شەھەرلەرنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن كەتكەن شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti