پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېھۇنىڭ ئاخابنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىشى 1 پادىشاھ ئاخابنىڭ سامارىيە شەھىرىدە يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: 2 «ئاڭلىسام، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا ئىكەن، سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەردە تۇرىدىكەنسىلەر. جەڭ ھارۋىلىرىڭلار، ئاتلىرىڭلار ۋە قورال-ياراغلىرىڭلارمۇ بار ئىكەن. ئەگەر پېتىنساڭلار، بۇ مەكتۇپ قولۇڭلارغا تەگكەن ھامان 3 خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى. 4 سامارىيەدىكىلەر قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى. 5 ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا: «بىز ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىدۇرمىز، نېمە قىلىشنى بۇيرۇسىلا، شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلى نېمە قىلىشنى خالىسىلا، شۇنى قىلسىلا» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى. 6 يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «ئەگەر سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مەن تەرەپتە تۇرساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە، يەنى مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلى ئۇلارغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى. 7 مەكتۇپ ئاقساقاللارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. 8 خەۋەرچى كېلىپ، يېھۇغا: _ ئۇلار پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ، _ دېدى. يېھۇ: _ كاللىلارنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى دۆۋە قىلىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار، ئەتە ئەتىگەنگىچە شۇ يەردە تۇرسۇن، _ دېدى. 9 ئەتىسى ئەتىگەندە يېھۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ سىلەر گۇناھسىز، خوجايىنىمنى مانا مەن سۇيىقەست پىلانلاپ ئۆلتۈردۈم. لېكىن ئوغۇللىرىنى مەن يالغۇز ئۆلتۈرمىدىم. 10 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى. 11 شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدىكى ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنى، ئاخابقا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى. 12 يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە، 13 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز ئاخازيانىڭ تۇغقانلىرى بولىمىز. بىز پادىشاھ يورامنىڭ ئائىلىسىگە ۋە خان ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئوغۇللىرىغا سالامغا كېتىۋاتىمىز _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 14 يېھۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇلار 42 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىدى. 15 يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە ئۇنىڭدىن: _ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى يېھوناداب. _ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ. يېھوناداب قولىنى ئۇزاتتى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. 16 يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى. 17 ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياسقا ئېيتقان سۆزى بويىچە ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى. يېھۇنىڭ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنى قىرىپ تاشلىشى 18 يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا: _ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن. 19 شۇڭا بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي يىغىڭلار. مەن بائالغا كاتتا بىر قۇربانلىق تەقدىم قىلماقچىمەن. كەلمىگەنلەرنى تىرىك قويمايمەن، _ دېدى. يېھۇنىڭ بۇنداق دېيىشى بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىيلىسى ئىدى. 20 ئۇ يەنە: _ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزەيلى، دەپ جاكارلىدى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى. 21 يېھۇ بۇ سۆزنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە جاكارلاتتى. بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا يىغىلدى، بۇتخانا ئادەملەرگە لىق تولدى. 22 يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە: _ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى. ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى. 23 يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىغا: _ بۇ يەردە بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلارلا قالسۇن. تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، ئاراڭلاردا يەنە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ قالمىسۇن، _ دېدى. 24 جامائەت كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېھۇ بۇتخانىنىڭ سىرتىغا سەكسەن كىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بۇ كىشىلەردىن بىرەرسىنى قاچۇرۇپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىمەن» دېگەنىدى. 25 يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇپلا، ياساۋۇل ۋە سەركەردىلىرىگە: _ سىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇل ۋە سەركەردىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، بۇتخانىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى. 26 ئۇلار بۇتخانىدىكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ، 27 ۋەيران قىلدى ۋە بۇتخانىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن بېرى كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. 28 يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ تەرىقىدە تۈگەتتى. 29 لېكىن يېھۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلەپ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. 30 پەرۋەردىگار يېھۇغا: _ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ تۆتىنچى ئەۋلادىڭغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى. 31 لېكىن يېھۇ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى. يېھۇنىڭ ۋاپات بولۇشى 32 شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا، 33 يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن گىلئاد ۋە باشانغىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى. 34 پادىشاھ يېھۇنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35 يېھۇ ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى، ئوغلى يىھوئاخاز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 36 پادىشاھ يېھۇ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti