كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى 1 بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ 2 سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىمىزدۇرسىلەر. چۈنكى، ئەمەلىيىتىڭلاردىن ھەممە كىشى بىزنى ھەم بىزنىڭ ئاراڭلاردا قىلغان ياخشى خىزمىتىمىزنى تونۇۋالالايدۇ. دېمەك، بۇ خەت قەغەزگە ئەمەس، بەلكى قەلبگە يېزىلغاندۇر. 3 ئېنىقكى، سىلەر خىزمىتىمىزنىڭ مېۋىسى. سىلەر سىياھ بىلەن ئەمەس، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ روھى بىلەن؛ تاش تاختىلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يېزىلغان، ئەيسا مەسىھ تەييارلىغان خەتتۇرسىلەر. 4 يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا جەزم قىلالايمىز. 5 بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر. 6 ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 7 تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى. 8 بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 9 يەنى ئىنسانغا جازا ئېلىپ كېلىدىغان تەۋرات قانۇنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان يېڭى ئەھدە تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 10 ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى ئۇلۇغلۇقنى ھازىرقى تېخىمۇ شانلىق ئۇلۇغلۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانچە ئەمەستۇر. 11 ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈلگىنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، مەڭگۈ يۈرگۈزۈلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 12 بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. 13 بىز يۈزىدىكى نۇرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسرائىللارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشىمايمىز. 14 ئۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللارنىڭ ئەقلى بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار تاكى بۈگۈنگىچە كونا ئەھدە، يەنى تەۋراتنى ئوقۇغىنىدا، ئەقلى گويا شۇ چۈمپەردە بىلەن يېپىۋېلىنغاندەك تۇرماقتا. چۈنكى، بۇ چۈمپەردە پەقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىقلا ئېلىۋېتىلىدۇ. 15 شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتنى ئوقۇغاندا، شۇ چۈمپەردە يەنىلا ئۇلارنىڭ قەلبىنى يېپىۋالماقتا. 16 بىراق، ئۇلار قاچان رەبكە يۈزلەنسە، ئۇ چۈمپەردە شۇ چاغدا ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 17 بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ. 18 بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti