كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇڭا، شۇ چاغدا مەن يېنىڭلارغا بارماسلىقنى قارار قىلدىم. چۈنكى، سىلەرنى ئۆتكەنكىدەك غەم-قايغۇغا سېلىشنى خالىمىدىم. 2 سىلەرنى غەم-قايغۇغا سالسام، مېنى خۇش قىلالايدىغان ئادەملەرنى قايغۇغا سالغان بولمامدىمەن؟ ئۇنداقتا، كىم مېنى خۇش قىلالىسۇن؟ 3 شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر. 4 ئۇ خەتنى سىلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، قاتتىق قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ يازغانىدىم. گۇناھكارنى قوبۇل قىلىش 5 ئەگەر بىرەرسى قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇ ماڭىلا ئەمەس، پۈتۈن جامائەتچىلىكىڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە قايغۇ ئېلىپ كەلدى دېسەم، بۇ كۆپتۈرگەنلىك بولمايدۇ. 6 كۆپىنچىڭلار ئۇ كىشىنى يەتكۈچە جازالىغانىدىڭلار. 7 ئەمدى ئۇنى كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار. بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىدۇ. 8 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن. 9 ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى. 10 سىلەر ئۇ كىشىنى كەچۈرسەڭلار، مەنمۇ ئۇنى كەچۈرىمەن. مەن كىمنى كەچۈرسەم، بۇنى ئەيسا مەسىھ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قىلدىم. 11 بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز. يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارى 12 ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، 13 سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم. 14 خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ھەمىشە بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىز ئارقىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنى تونۇشنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەممە يەردە چاچماقتا. 15 مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز. 16 بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ 17 ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti