كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ساختا ئەلچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشى 1 ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر. 2 مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم. 3 بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. 4 چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار. 5 ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن! 6 گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. 7 مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق تەلەپ قىلماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟ 8 مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جامائەتچىلىكلەردىن ھەق ئېلىپ، ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلدىم. 9 سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن. 10 قەلبىمدىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئېيتىمەنكى، مېنىڭ بۇ ماختىنىشىمنى پۈتۈن يۇناندا ھەرقانداق ئادەم توسۇپ قالالمايدۇ. 11 نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمىدىم؟ سىلەرنى سۆيمەيدىغانلىقىمدىنمۇ؟ خۇداغا ئايانكى، سىلەرنى سۆيىمەن! 12 ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. 13 چۈنكى، بۇنداقلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەرلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى، دەپ پەردازلىۋالغانلاردۇر. 14 ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىنى يورۇقلۇق پەرىشتىسى، دەپ پەردازلىۋالغاندۇر. 15 شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادىللىقنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق بولىدۇ. پاۋلۇسنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى 16 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچقايسىڭلار مېنى ئەخمەق، دەپ قالماڭلار. ئەگەر ئەخمەق دەپ قارىساڭلار، بىر ئەخمەقنى قوبۇل قىلغانچىلىك بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، مەنمۇ بىرئاز ماختىنىۋالاي. 17 بۇ سۆزلىرىم رەببىمىز مەندىن تەلەپ قىلغان سۆزلەر ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق ماختىنىشىم پەقەتلا بىر ئەخمەقنىڭ يۈرەكلىك پو ئاتقانلىقىدۇر، خالاس. 18 نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىپ كېتىدىكەن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 19 چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر! 20 ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر. 21 بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن. 22 ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن. 23 ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم. 24 يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇز توققۇز قامچا جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم. 25 ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. 26 كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. 27 خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم. 28 بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ غېمىنى يېدىم. 29 مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟! 30 ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. 31 رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم. 32 دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. 33 لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti