كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام. 2 خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! خۇدا - تەسەللىنىڭ مەنبەسى 3 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! 4 ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز. 5 بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز. 6 بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر. 7 شۇڭا، سىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، سىلەر بىز چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتنى چەككەنگە ئوخشاش، بىز ئېرىشكەن تەسەللىگىمۇ ئېرىشىسىلەر. 8 قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. 9 كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. 10 خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان. 11 سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ. پاۋلۇسنىڭ زىيارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىشى 12 بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. 13 بىزنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمىزدا ھېچقانداق يوشۇرۇن مەنە ياكى سىلەر چۈشىنەلمىگۈدەك يەر يوقتۇر. 14 مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر. 15-16 مەن بۇلارغا ئىشەنچ بىلەن قارىغاچقا، سىلەرگە قوش بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتا ئالدى بىلەن سىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى، قايتىشىمدا يەنە بىر يولۇقۇپ، سىلەرنىڭ مېنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى نىيەت قىلغانىدىم. 17 بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟ 18 سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇددى خۇدا ئىشەنچلىك بولغاندەك ئىشەنچلىكتۇر. سۆزلىرىم ھەرگىزمۇ بىردەم «ھەئە» بىردەم «ياق» دەپ ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. 19 مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»~دۇر. 20 خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز. 21 سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى. 22 قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى. 23 خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. 24 بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti