Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


شىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى

1 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.

2 سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى.

3 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىنى، ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلارنى،

4 شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە

5 پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ مەن مەملىكىتىمدە سىلىنىڭ دانالىقلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن.

6 مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

7 ئادەملىرىڭىز نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەمەلدارلىرىڭىز ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!

8 پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.

9 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.

10 (بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ ھىرامنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان ئادەملىرى يەنە ئېسىل ياغاچ ۋە گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

11 پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.)

12 پادىشاھ سۇلايمان شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنىدىن زىيادە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى

13 پادىشاھ سۇلايمانغا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى.

14 بۇلاردىن سىرت، سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىنمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى.

15 پادىشاھ سۇلايمان ياغاچتىن ئىككى يۈز دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىنى 7 كىلو ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.

16 ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالتۇندىن ئۈچ يۈز دانە كىچىك قالقان ياساتتى، ھەربىرى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئورۇنلاشتۇردى.

17 سۇلايمان يەنە ئۆزىگە چوڭ بىر تەخت ياسىتىپ، ئۇنى پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتتى.

18 تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.

19 پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەشتىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.

20 پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچىلىرى ۋە «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغانىدى. چۈنكى سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

21 پادىشاھ سۇلايماننىڭ كېمىلىرى بىلەن پادىشاھ ھىرامنىڭ دېڭىزچىلىرى بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

22 پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

23 دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى: «سۇلايماننى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى.

24 ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

25 پادىشاھ سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن 4 مىڭ ئاتخانىسى ۋە 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەردە، يەنە بىر قىسمى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمدا ئىدى.

26 سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

27 پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى.

28 سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلەتتى.

29 پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددونىڭ «نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدىكى ۋەھىينامىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.

30 سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى.

31 سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan