Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۇلايماننىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

1 بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.

2 بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن، _ دېدى.

3 ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

4 _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.

5 ئۇ ئاتامغا: «مەن خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىغانىدىم.

6 ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.

7 ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتى بار ئىدى.

8 ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش،

9 لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.

10 ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.

11 ئىبادەتخانىغا ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.


ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

12-13 پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تۇچتىن بىر سۇپا ياساتتى. ئۇ سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ،

14 مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.

15 سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.

16 ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش قانۇنۇمغا ئەمەل قىلسا، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن.

17 ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن!

18 ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟

19 شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن!

20 سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!

21 مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

22 ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە،

23 سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

24 خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھ تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە ۋە كېيىن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە،

25 سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.

26 خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئاسمان يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلىسا ۋە گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزسە،

27 دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

28 ئەگەر ئىسرائىللار زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ۋابا تارقالسا، زىرائەتلەر قۇرۇپ ياكى سېسىپ كەتسە، قۇرت چۈشۈپ، چېكەتكە يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر شەھەرلەرنى قورشىۋالسا، يەنى مەيلى ئىسرائىللار قانداق كېسەل ياكى ئاپەتكە دۇچار بولسا،

29 ئۇلار بۇ ئاغرىق ۋە ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا،

30 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.

31 شۇندىلا ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئۆمۈر بويى ساڭا ئىخلاس قىلىپ، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭىدۇ.

32 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن بولمىغان يات خەلقلەرمۇ ئۇلۇغ نامىڭنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ياراتقان مۆجىزىلەرنى بىلىپ، يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا،

33 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ساڭا ئىخلاس قىلىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

34 ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار شۇ يەردىن سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،

35 سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.

36 ئۇلار ساڭا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن باشقا ئەلگە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە،

37 ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،

38 ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنغان يات ئەلدە چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،

39 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدىن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن ۋە ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن.

40 ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.

41 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا، يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.

42 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى، ئەسكە ئالغىن خىزمەتكارىڭ داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan