Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئامازيانىڭ ئىدوم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1 ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى.

2 ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىن دىلى بىلەن قىلغان ئەمەس ئىدى.

3 ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى.

4 لېكىن ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

5 ئامازيا يەھۇدىيەلىكلەرنى يىغىپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بويىچە مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا يارايدىغان ھەم نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەرنى ساناپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 300 مىڭ ئادەم ئىدى.

6 ئۇ يەنە 3.5 توننا كۈمۈشكە ئىسرائىلىيەدىن 100 مىڭ خىللانغان لەشكەر ياللىدى.

7 ئەمما ئامازيانىڭ ھۇزۇرىغا بىر پەيغەمبەر كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھى ئالەم، ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سىلى بىلەن بىرگە بارمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە يار ئەمەستۇر.

8 سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارغا مەغلۇپ قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر.

9 پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن: _ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن 3.5 توننا كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر.

10 شۇنىڭ بىلەن ئامازيا ئىسرائىلىيەدىن ياللىغان لەشكەرلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن تارقىتىۋەتتى. يەھۇدىيەلىكلەرگە قاتتىق ئاچچىقلانغان لەشكەرلەر غەزەپ ئىچىدە ئۆيلىرىگە قاراپ، يولغا چىقىشتى.

11 ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى.

12 ئۇلار يەنە ئەسىرگە ئېلىنغان 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىيا تاشلاردىن پەسكە تاشلاپ، سۆڭەكلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.

13 لېكىن ئامازيا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سامارىيەدىن بەيت-خورونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن مال-دۇنيانى بۇلاپ كەتتى.


ئامازيانىڭ ئىسرائىلىيەگە مەغلۇپ بولۇشى

14 ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى.

15 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: _ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ ئىلاھلارغا نېمىشقا چوقۇنىسەن؟

16 پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.

17 شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

18 ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ.

19 سىز: «مەن ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم» دەپ ھاكاۋۇرلىشىپ، خورىكىڭىز ئۆسۈپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىيەنىمۇ ۋەيران قىلماقچى بولىسىز؟

20 لېكىن ئامازيا خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن يىھوئاشنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى.

21 شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى.

22 يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.

23 ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى.

24 ئۇ بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئوبېد-ئىدومنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بايلىقلارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيە شەھىرىگە قايتتى.

25 يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى.

26 پادىشاھ ئامازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.

27 ئامازيا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقتىدىن باشلاپ، يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانىدى. كېيىن ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.

28 ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan