Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئارراملارغا قارشى ئۇرۇش

1 يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى.

2 بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ سامارىيەگە بېرىپ، ئاخابنى زىيارەت قىلدى. ئاخاب نۇرغۇن قوي ۋە كالا سويۇپ، ئۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخاب يىھوشافاتنى ئۆزى بىلەن بىرگە گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆندۈردى.

3 ئاخاب يىھوشافاتتىن: _ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى دەپ بىلگەيلا. مەن سىلىگە جەڭدە ياردەمدە بولاي.

4 لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

5 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا! خۇدا راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.

6 بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

7 _ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.

8 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

9 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونلىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرۇشتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.

10 پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.

11 باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

12 بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.

13 لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

14 مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. شەھەر قوللىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا.

15 لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.

16 مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».

17 ئاخاب يىھوشافاتقا: _ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، داۋاملىق يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

18 مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.

19 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى.

20 كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى.

21 ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.

22 مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا: _ ئىشنىڭ جەريانى مانا مۇشۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگار سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

23 شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

24 مىكايا: _ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

25 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىڭلار ۋە

26 ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.

27 مىكايا: _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.

28 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

29 ئاخاب يىھوشافاتقا: _ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەڭگە كىردى.

30 ئاررام پادىشاھى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى.

31 ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى.

32 شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي، كېتىپ قېلىشتى.

33 بىراق بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايت، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

34 ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا ئارراملارغا يۈزلىنىپ، چىداپ ئولتۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan