Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى.


پادىشاھ ئاسانىڭ كۇشنى مەغلۇپ قىلىشى

2 ئاسا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ھەم دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.

3 غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى.

4 پادىشاھ ئاسا يەنە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى.

5 ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى يوقاتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە پادىشاھلىقتا تىنچ-ئامانلىق بولدى.

6 پادىشاھ ئاسا يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ يىللاردا ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى، ئۇرۇش بولمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانىدى.

7 ئاسا يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى: _ بىز شەھەرلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سېلىپ، كۆزىتىش مۇنارلىرى ياساپ، دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىنتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ زېمىن يەنىلا بىزگە تەۋەدۇر. پەرۋەردىگار چېگرالىرىمىزنى ئامان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.

8 ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى.

9 كۇشتىن كەلگەن زەراخ يۈز مىڭلىغان كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەنىڭ مارېشا شەھىرىگە يېقىنلاپ كەلدى.

10 ئاسا لەشكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار مارېشا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى زىفاتا جىلغىسىدا سەپ تۈزۈشتى.

11 ئاسا پەرۋەردىگار خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.

12 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى، كۇشلار قاچتى.

13 ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى.

14 گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. شۇڭا يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ئاسانلا ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئولجا ئېلىندى.

15 ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋەتتى ۋە نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، تۆگىلەرنى ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan