Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىسرائىلىيەنى مەغلۇپ قىلىشى

1 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

2 ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىدىكى ئۇرىئېلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى.

3 ئابىيا 400 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن ھۇجۇمغا ھازىرلاندى. ياروبئام 800 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن سەپ تۈزۈپ، جەڭگە تەييار بولدى.

4 ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.

5 ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟

6 نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ئەسلى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى ئىدى، لېكىن ئۇ خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلدى.

7 ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مۇتتەھەملەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.

8 ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟

9 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلەرنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.

10 بىزگە كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدۇق. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىيلىرىمىز يەنىلا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

11 ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.

12 خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.

13 ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى.

14 يەھۇدىيەلىكلەر ئالدى-ئارقىسىدا دۈشمەن بارلىقىنى بايقاپ، پەرۋەردىگاردىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياردەم تەلەپ قىلدى. روھانىيلار ھۇجۇم ئۈچۈن كاناي چالدى،

15 يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتىپ، ئابىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى.

16 ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

17 ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى.

18 شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەلىكلەر مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى.

19 ئابىيا ياروبئامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، بەيتەل، يىشانا ۋە ئەفرون شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قولىغا كىرگۈزدى.

20 ئابىيا ھايات ۋاقتىدا ياروبئام كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلدى.

21 ئابىيا بارغانسېرى كۈچلەندى، ئۇنىڭ 14 ئايالى، 22 ئوغلى ۋە 16 قىزى بار ئىدى.

22 پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، سۆز ۋە ئەمەللىرى ئىددو پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan