Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مىسىرنىڭ يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشى

1 رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

2 پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھى شىشاقنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى، چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتىنى يوقاتقانىدى.

3 شىشاق مىسىردىن 1200 جەڭ ھارۋىسى، 60 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر ۋە سان-ساناقسىز لىۋىيەلىكلەر، سۇكلار ۋە كۇشلارنى باشلاپ كەلگەنىدى.

4 ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى.

5 شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر پادىشاھ رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مەندىن ۋاز كەچكەچكە مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم.

6 رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر.

7 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقانىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى يوقاتمايمەن ۋە ئۇلارغا بىر ھاياتلىق يولى بېرىمەن ھەم غەزىپىمنى يېرۇسالېمغا شىشاق ئارقىلىق چاچمايمەن.

8 لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ماڭا بويسۇنۇش بىلەن باشقا پادىشاھلارغا بويسۇنۇشنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى شىشاققا بويسۇندۇرۇپ بېرىمەن.

9 مىسىر پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.

10 كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.

11 پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قالقانلارنى يەنە قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

12 رىخوبئام گۇناھلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىقىپ، ئۇنى ھالاك قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى بىرئاز ياخشىلاندى.


پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ۋاپات بولۇشى

13 پادىشاھ رىخوبئام ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.

14 رىخوبئام پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىدىن ئىنتىلمەي، يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

15 پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر شىمايا پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. بۇ تەزكىرىلەر نەسەبنامىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

16 رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan