Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1 بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.

2 نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.

3 شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىخوبئامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:

4 _ ئاتىلىرى سۇلايمان يەلكىمىزگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان بۇ ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، ھاياتىمىزنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.

5 رىخوبئام: _ سىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.

6 پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: _ بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7 مويسىپىتلار: _ ئەگەر سىلى بۇ كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8 لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9 _ كىشىلەر ماڭا: «ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان ئېغىر يۈكلەرنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا قانداق جاۋاب بەرسەك بولار، سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10 رىخوبئام بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ياشلار: _ بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى يەلكىمىزدىكى يۈكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم!

11 ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

12 ياروبئام ۋە خەلق پادىشاھ رىخوبئامنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار» دېگەن سۆزى بويىچە، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.

13 پادىشاھ رىخوبئام ئۇلارغا كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئەمەس،

14 بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: _ ئاتام سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15 پادىشاھ رىخوبئام خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16 شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17 ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.

18 پادىشاھ رىخوبئام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ رىخوبئام ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى.

19 شۇنىڭدىن بېرى شىمالدىكى ئىسرائىللار داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan