Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىككىنچى قىسىم 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلىشى

1 داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.

2 سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ،

3 ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى.

4 (داۋۇت بۇرۇن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان چېدىرغا يۆتكەپ ئەكەلدۈرگەنىدى.)

5 ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

6 سۇلايمان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياق مال كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

7 شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى: _ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.

8 سۇلايمان جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئاتام داۋۇتقا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ھەمدە مېنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلىپ،

9 مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،

10 ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟

11 خۇدا سۇلايمانغا: _ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن،

12 مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

13 شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان گىبئونغا جايلاشقان سەجدىگاھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

14 پادىشاھ سۇلايمان ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى توپلىدى. ئۇنىڭ توپلىغان جەڭ ھارۋىلىرى 1400، ئاتلىرى 12 مىڭ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.

15 پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى.

16 پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى.

17 مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan