تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 قۇل ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە خۇدادىن كەلگەن تەلىمنىڭ كۇپۇرلۇققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 2 خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلار دەل خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر. سەن ئېتىقادچىلارغا بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن. يالغان تەلىم ۋە پۇلپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى 3 ئوخشىمايدىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان كىشى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمىنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ. 4 بۇنداق كىشىلەر تەكەببۇر، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار غوۋغا چىقىرىش ۋە گەپ تالىشىشقا ئىنتايىن ئامراق. بۇنداق ئىشلار باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، گۇمانخورلۇق 5 ھەمدە دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى چىرىك بولۇپ، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىخلاسمەنلىك پەقەتلا بىر تاپاۋەت يولىدۇر، خالاس. 6 دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. 7 بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 8 شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. 9 باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 10 چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى. تىموتىيغا نەسىھەت 11 ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە. 12 ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ. 13 ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، 14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە، خۇدانىڭ بۇ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىل، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سېنى ئەيىبلىيەلمىسۇن. 15-16 مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى، بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمەس، ئادەم يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان خۇدا ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا مەسىھنى قايتا ئەۋەتىدۇ. بارلىق ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! 17 بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. 18 ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19 بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. 20 ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان. 21 بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە بىلىمگە ئەگىشىپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti