تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىساختا تەلىم بەرگۈچىلەر 1 مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ. 2 بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى يوقاپ كەتكەن يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ. 3 بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان. 4 خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 5 چۈنكى، ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى 6 بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ. 7 خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلايدىغان بىمەنە ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن. 8 بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. 9 بۇ سۆزلەر ھەقتۇر ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. 10 بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى - مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. 11 بۇ ئىشلارنى قېرىنداشلىرىڭغا تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. 12 باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول. 13 مەن سېنى يوقلاپ بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتچىلىككە مۇقەددەس يازمىلار ئوقۇپ بېرىش، نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. 14 مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن. 15 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن. 16 ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti