Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرى

1 «ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر.

2 جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،

3 شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى،

4 ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.

5 چۈنكى، ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟

6 جامائەتچىلىك باشلامچىسى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ شەيتانغا ئوخشاش تەكەببۇرلاشقانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ سورىقىغا ئۇچرايدۇ.

7 ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى

8 خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى،

9 پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ چوڭقۇر ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولۇشى لازىم.

10 بۇنداق ئادەملەرنى ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك.

11 خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.

12 خىزمەتچىلەر ئۆز ئايالىغا سادىق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن.

13 جامائەتچىلىك ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىكى ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ.


چوڭقۇر سىر

14 مەن گەرچە سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم.

15 ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.

16 ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan