تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2 ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! ساختا تەلىملەرنى توسۇش 3 ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقىتىشىنى توسۇشۇڭنى سورايمەن. 4 ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدىغان خۇدا يولىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. خۇدا يولىدا مېڭىش پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. 5 بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 6 بەزى كىشىلەر بۇ تەلىمدىن چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ. 7 ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. 8 بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى توغرا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. 9 بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار، 10 زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر. 11 بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان. خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە شۈكۈر 12 ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى. 13 مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. 14 رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى. 15 «ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن. 16 لېكىن، ئەيسا مەسىھ ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ ئۆزىنىڭ مەندەك ئۇچىغا چىققان بىر گۇناھكارغا چەكسىز سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە قالدۇرۇشتۇر، يەنى بۇ كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا بېرىلگەن ئۈلگىدۇر. 17 بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن! 18 ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن. 19 ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇر. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى. 20 ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti