سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىرەببىمىزنىڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش 1 قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز. 2 چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ. 3 كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. 4 لېكىن، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قاراڭغۇلۇقتا ئەمەسسىلەر. شۇڭا، ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىغا ئوخشاش چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 5 بىز ھەممىمىز كۈندۈزنىڭ، يەنى يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. ھەممىمىز كېچىنىڭ، يەنى گۇناھنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەنسۇپ ئەمەسمىز. 6 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى. 7 ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەس بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەس بولىدۇ. 8 يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. 9 چۈنكى، خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلسۇن، دەپ تاللىغاندۇر. 10 ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر. 11 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرمۇ بىر-بىرىڭلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىڭلار. ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار 12 قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەببىمىزنىڭ يولىدا سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت قىلىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى سورايمىز. 13 ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 14 قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. 15 ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار. 16 ھەر دائىم خۇشال-خۇرام بولۇڭلار. 17 ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار. 18 ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 19 مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. 20 ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار. 21 ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار. 22 ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 23 بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. 24 سىلەرنى چاقىرغان خۇدا جەزمەن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئىشەنچلىكتۇر! 25 قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 26 ھەممە قېرىنداشلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. 27 رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى تاپىلايمەن. 28 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti